جىنسىي ھىسياتنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان 6 تۈرلۈك ئىش، دىققەت قىلىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 57412:ئادەم ئۆگەندى
    ئۆزى سۆيگەن ئادىمى بىلەن قول تۇتۇشقان، قۇچاقلاشقان ۋە سۆيۈشكەن ۋاقىتلار دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك پەيت ھىسابلىنىدۇ. ھاياتىڭىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشمىقىڭىز ئاسان ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇنداق بەختلىك پەيتلەردىن ئايرىلالمايمىز ئەلۋەتتە.
    ئەمما سىز بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ئىككەيلەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوتتەك قىزغىن كىلىدىغان بولۇپ، بىراق بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئىككىڭلار ئوتتۇرسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان قىزغىنلىقىڭىز سۇسلىشىپ كىتىدۇ. بىلىشىڭىز كىرەككى، ئۆزلۈكسىز داۋاملاشقان ياكى قايتا-قايتا كۆرۈلگەن جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن بولۇش، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتە جىنسىي ھەۋىسى تۆۋەن بولۇش، كىسەللىكتىن باشقا، تۆۋەندىكى بىرنەچچە كىچىك ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
1. ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولماسلىق
    ئۇزۇن مەزگىل كىچىسى ئۇخلىماسلىق، ئۇيقۇ يىتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇيقۇ يىتەرلىك بولماسلىق يەنە كەيپىياتنىڭ تۆۋەن بولۇپ قېلىشى ۋە خامۇشلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. ئولتۇراق شارائىتى ناچار بولۇش
    ئۇزۇن مەزگىل تار ھەم ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇھىتتا ياشىغان ۋاقىتتا، بۇ ئەھۋال ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئولتۇراق مۇھىتى ناچار، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان بولسا، مىڭىگە قان يىتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، بۇ سەۋەپلىك جىنسىي ئىقتىدارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا جىنسىي ھېسياتنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. سېمىزلىك
    سېمىزلىكنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما سېمىزلىكنىڭ يەنە بىر يۇشۇرۇن تەسىرى بار، ئۇ بولسىمۇ جىنسىي ئىستەككە تەسىر كۆرسىتىشتۇر. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كىتىش، ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ مىتابولىزىم سەۋيىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، سېمىز ئادەملەر ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %5لىك ئەتراپتا ئۇرۇقلىيالىسا، بۇ ئارقىلىق جىنسىي ھېسياتىنى كۈچەيتىشكە بولىدىكەن؛ بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، سېمىزلىكنىڭ ئەر-خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.
4. ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىش
    جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى، ئىككى تەرەپنىڭ خوشاللىققا تولغان كەيپىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىراق، ئۇزۇن مەزگىللىك زىيادە جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىش، ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي ئىستىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ بولۇپمۇ زىيادە قايغۇرۇش، قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاستىدا، جىنسى ئىستەك ئۇچرىغان تەسىر ئەڭ كۆرنەرلىك بولىدۇ.
5. بەدەنگە ۋىيتامىن Dنىڭ يەتكۈزۈلىشى كەمچىل بولۇش
    بەدەندە ۋىيتامىن D كەمچىل بولسا، چوڭ مىڭىدىكى خوشاللىنىش ھورمۇنىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. گىرمانىيە ئالىملىرى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەرلەر ئەگەر يىتەرلىك ۋىيتامىن D تۇلۇقلاپ بەرسە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ مىقدارىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋيىگە يىتىدىغانلىقىنى، جىنسىي ھىسياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
6. ھاراق، تاماكىغا خۇمار بولۇش
     كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش، ئەر ۋە ئايال ھەر ئىككى تەرەپكە يامان تەسىرى پەيدا قىلىدۇ. ئاياللار كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچسە، جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرىنىڭ ئازلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنسىي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرلىدۇ. ئەرلەر ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چىكىپ ھاراق ئىچكەندە، بۇ ئۇلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ كۆرنەرلىك تۆۋەنلەپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپتىن بىرىدىلا ھاراق، تاماكىغا خۇمار بولىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالسا، ئۇنداق بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号