قىزلارنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇۋىلىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 38637:ئادەم ئۆگەندى
    مۇھەببەت دۇنياسىدىكى ئىشلار ھەمىشە سىرلىق ھەم ئوخشىمايدىغان كىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببەت دۇنياسىدا ئۇچرىشىپ بىرگە بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ "تەلەي" ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق "تەلەي" قونغان كىشىلەر بىر-بىرىنى قەدىرلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يەتمىكى لازىم.
    مۇھەببەت جەريانىدا بەزى ئەرلەر ئۆز ئاشىقى بىلەنمۇ قانداق مۇھەببەتلىشىشنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ، ئەگەر ئادەم قانداق بىرگە ئۆتۈشنى بىلەلمىگەندە، ھەر قانچە ياخشى كۆرۈشسىمۇ يەنىلا جىدەللىشىپ قالىدۇ؛ بۇنداق جىدەللىشىپ قېلىش بەزىدە يامان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان، ئۆز قەلبىنى ئىپادىلەيدىغان بەزىبىر ئۇسۇللارنى چوقۇم بىلىۋىلىشى كىرەك.
1. ئاددى بولسىمۇ بىرەر تال سوۋغات سېتىۋىلىڭ
   نۇرغۇن ۋاقىتلاردىكى ئاتالمىش جىدەللىشىشنىڭ ھەممىسى كۆڭلىدىن چىقارمىغان ئاچچىقلىنىش بولۇپ، ئەگەر ئەرلەر ۋاقتىدا بوي ئىگىپ خاتالىقىنى تۇنىسا، ئۇلارنى ئازراق توغرا چۈشىنىپ قويسا، ئۇندىن يەنە ئاددى بولسىمۇ بىرەر تال سوۋغات بىلەن مەشۇقىنىڭ كەيپىياتىنى تەسەللى تاپقۇزسا، ئىشىنىمەنكى بۇنداق ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى بارغانسىرى چوڭقۇرلۇشۇپ ماڭىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ ئىتىبار بىرىدىغىنى سوۋغاتنىڭ باھاسى ئەمەس بەلكى سوۋغات بىرىشتىكى كۆڭۈل بولىدۇ؛ پەقەت سوۋغات بىرىشتىكى كۆڭلىڭىز سەمىمىي ھەم يىتەرلىك بولسىلا، بۇنداق سوۋغاتنى مەشۇقىڭىز چوقۇم ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.
2. قىزىقارلىق گەپلەرنى كۆپرەك قىلىڭ
    مەشۇقىڭىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىزنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىشلارنى قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ كەتمەيدۇ ۋە ياكى ھەمىشە گۈل تاپشۇرۋىلىشتەك رومانتىكىلىقنى ئارزۇ قىلىپ يۈرمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى سىزنىڭ ئەمەلىي كەلگەن كۆڭۈل بۆلىشىڭىزدۇر. ئەگەر سىز يۇمۇرىستىك قىزىقارلىق بولۇشنى ئۆگىنەلىسىڭىز، بۇ سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارنى تەڭشەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار يۇمۇرىستىك ئەرلەرنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، چۈنكى بۇنداق ئەرلەر ئۇلارنى ئازادە ھەم خوشاللىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.
3. گەپ-سۆزىڭىز بىلەن ئىش-ھەرىكىتىڭىز ماس كەلسۇن
    ئاياللارنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئەڭ ئاچچىقى كىلىدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ ئىرى ۋەدىسىدە تۇرمىغان ۋاقىتتۇر. ئېغىزىدا توختىماي كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئەمىلىيەتتە ئازراقمۇ ھەرىكەتلىنىشى يوق ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ھېچقانداق ئايال كىشى بولمايدۇ؛ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاياللار ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن ماس كىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشى، سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلىشى لازىم؛  ئۆزىنىڭ تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن ئوي-خىياللىرى سەۋەبلىك، ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمىغان قۇرۇق ۋەدىلەرنى بەرمەسلىكى كىرەك؛ چۈنكى ئەڭ ئاخىرىدا رىئاللىققا ئايلاندۇرالىشى ھەممىدىن مۇھىم. ئۇندىن باشقا بۇ يەنە ھەمىشە ئەلەرنىڭ ئايالىغا كۆيۈنگەنلىك قىلمىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەپ بىرىشىنى تەكىتلىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.
    سىز پەقەت ھەقىقى تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئىسپاتلىيالايسىز؛ نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئەرلەرنىڭ ھەرىكەتكە كىلىش كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىسپاتلاشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号