ئەرلەردە ئايپاڭباشلار كۆپ، ۋاھالەنكى ئەرلەر ئايپاڭباش بولۇپ قالسا قېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ئەنگلىيەلىك فىزىيولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە: ئايپاڭباش ئەرلەر ئەقلىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەردىن كۈچلۈك بولىدىكەن، شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئايپاڭباش بولۇشى پىشىپ يېتىلگەنلىك ۋە ئەقىلنىڭ بېشارىتى دەپ قارىلىدىكەن، ئۇنى ئوبرازلىق ھالدا››ئەقىلنىڭ چاقنىشى‹‹، دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن. ئادەتتە، ئايپاڭباش ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمونىنىڭ ئاجرىتىلىشى كۈچلۈك بولىدىكەن، ئەرلىك ھورمون ئوڭ تەرەپ يېرىم مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپ يېرىم مېڭە رەسىم، گېئومېتىرىيە قاتارلىق بوشلۇقنى تونۇشتىكى تەپەككۇرغا مەسئۇل بولىدىكەن. بوشلۇقنى تونۇش ئىقتىدارى بىلەن ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولغاچقا، ئايپاڭباش ئەرلەرنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئاياللاردىن ۋە ئادەتتىكى ئەرلەردىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن.

ئەرلىك ھورمونى خولېستېرىن ماددا ئالماشتۇرۇش، سۆڭەك ماددىسى بوشىشىپ كېتىش ھەم ئۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. بۇنىڭ قىزىقارلىقى شۇكى، ئەرلىك ھورمونى تېستوستېرىن ئەمەليەتتە بەدەن ئىچىدىكى خولېستېرىننىڭ ئۇرۇقدان قاتارلىق توقۇلمىلارنىڭ رولىدا ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىكەن، شۇڭا ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا، خولېستېرىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ يۈرەك، قان – تومۇر كېسلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى كىچىكلىتىدىكەن. ئەرلىك ھورمونى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ۋە مۇسكۇللارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇنداقلا سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كالتسىينىڭ سۆڭەك ئىچىدىكى توپلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، شۇڭا ئايپاڭباش ئەرلەر ئاسانلىقچە سۆڭەك ماددىسى بوشىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئالىملىرى ئۇدا 12 يىل كۆزىتىش ئارقىلىق، ئايپاڭباش ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئايپاڭباش بولمىغانلاردىن %48 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. سېمىز كىشىلەر كۆڭۈللۈك ياشايدىكەن .
دۇنيادا قانداق كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈللۈك ياشايدۇ؟ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جامۇس ئوۋسىننىڭ تەتقىقاتى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى: ئۇ سېمىز كىشىلەر بىلەن ئورۇق كىشىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ئىچىدىكى خىمىيەلىك جەرياننى تەتقىق قىلغاندا، ئالدىنقىلار ئاجرىتىدىغان ئېندورپىننىڭ كېيىنكىلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ۋاھالەنكى ئېندورپىن بىر ئادەمنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى ساقلىشىغا پايدىلىق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىنسىي ھەۋەسنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھورمونلارمۇ سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە تېزلا پىشىپ يېتىلىدىكەن.
سوتسىيولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇش تۇيغۇسى جىنىس ئايرىمايدىكەن، ياش ۋە بايلىقنىڭمۇ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئەمما سېمىز – ئورۇقلۇق بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدىكەن. كۆپ ساندىكى سېمىز كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ياشاش تۇيغۇسى ئورۇق كىشىلەردىن كۈچلۈك بولىدىكەن.

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号