ئىلىم-پەن يۈكسەك تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، جىنس ئۆزگەرتىش تەسكە توختىمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىكۋاتورلۇق ئايال فىرناندو كىچىكىدىنلا ئەر كىشى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كىيىن جىنس ئۆزگەرتىپ ئەر كىشىگە ئايلاندى. جىنس ئۆزگەرتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، فىرناندو ھازىرقى ئايالى دىئانا بىلەن تونۇشتى. دىئانامۇ جىنس ئۆزگەرتكۈچى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئەر كىشى ئىدى؛ ئەمما دىئانا جىنس ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئايال كىشىگە ئۆزگەردى ۋە ئارقىدىنلا ئوخشاشلا جىنس ئۆزگەرتىپ ئەركىشىگە ئايلانغان فىرناندوغا ياتلىق بولدى.

دىئانانىڭ جىنس ئۆزگەرتىش يولى ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان بولۇپ، ئۇ جىنس ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ھەم نەچچە قېتىم باشقىلار تەرپىدىن ئالداپ سېتىۋىتىلگەن؛ ئەمما ئۇنى خوشاللاندۇرىدىغىنى بولسا، جىنس ئۆزگەرتكەندىن كىيىن، دىئانا ئۆزىگە كۆيىنىدىغان ئىرى فىرناندونى ئۇچراتتى.

ئىككەيلەن توي قىلغاندىن كىيىن، دىئانا ئۆز ئائىلىسىدە بىرەر پەرزەنتنىڭ بارلىققا كىلىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ ئەمما دىئاننا جىنس ئۆزگەرتىپ ئەردىن ئايالغا ئۆزگەرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بەدىنىدە بالىياتقۇسى يوق ئىدى؛ ئاخىرىدا ئىرى دىئانا فىرناندونىڭ ئورنىدا ھامىلدار بولۇشنى قارار قىلىپ، سۈنئى ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلق، فىرناندو مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولدى.

فىرناندو ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇ ھەم ھاياجانلاندى ھەم ئەنسىرەشكە باشلىدى؛ ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھازىر ئاللىقاچان "ئەر كشى"گە ئۆزگەرگەن بولۇپ، "ئەر كىشى" نىڭ ھامىلدار بولۇشى ئۇنىڭغا ناھايىتى سىرلىق بىر خىل تۇيغۇ بەرگەن.

ئون ئاي قورساق كۆتۈرگەندىن كىيىن، فىرناندو ئاخىرى بىر ئوغۇل تۇغقان بولۇپ، ئوغلى تۇغۇلغاندىن كىيىن ناھايىتى ساغلام بولغان. فىرناندونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوغلى چوڭ بولغاندىن كىيىن، ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئوغلىغا ئەينەي سۆزلەپ بىرىدىكەن.

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号