گىرمانىيە ئوزۇقشۇناسلىق تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «پىۋا قورساق»نىڭ پەيدا بولۇشى ئەرلەرنىڭ ئېرسىيەت گېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنى، ئاياللار ساغرىسىدىن باشلاپ سەمرىگەندەك، ئەرلەرنىڭمۇ كۆپ قىسىم مايلىرى قورساق قىسىمىغا يىغىلغان بولىدىكەن.
ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئەرنىڭ گېنى ئوخشىمايدۇ، «پىۋا قورساق» چىقىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە، ياش-ئۆسمۈرلەردە «پىۋا قورساق» پەيدا بولسا، ئوزۇقلۇقنىڭ زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن؛ ئوتتۇرا ياشلىقلار ئۈچۈن ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. بۇندىن باشقا، ھازىر كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئولتۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇن، ھەرىكىتى ئاز بولغاچقا، ئوڭايلا مايلارنىڭ قورساق قىسىمىغا يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىزمەت بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە، ئاز بولمىغان كىشىلەر نورمىدىن ئارتۇق غىزالىنىپ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالمۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئارتقۇزۇپ، «پىۋا قورساق» پەيدا قىلىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى بەزى كىشىلەر «پىۋا قورساق»نى پىۋا ئىچىش بىلەن ئالاقىدار دەپ، چۈشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، پىۋىنى قانچە كۆپ ئىچكەن كىشىنىڭ قورسىقى شۇنچە يوغان بولىدۇ. ئەمما، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا كۆرە، «پىۋا قورساق» بىلەن پىۋىنى ئاز-كۆپ ئىچىشنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن. پىۋا ئۇرۇقلاتقۇچى ئىچىملىك بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا سەمرىتكۈچى ئىچىملىكمۇ ئەمەسكەن.
«پىۋا قورساق» قورساق قىسىمى سەمرىش بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ قارىشىچە، قورساق قىسىمى سەمرىش سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەڭ خەتەرلىك «قاتىل» لارنىڭ بىرى ئىكەن. قورساق سەمرىش قېرىشنى تېزلەشتۈرگۈچى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى 15 خىل كېسەللىكنىڭ قورساق سەمرىش بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە كەپلەشمىسى، ئەمچەك راكى، جىگەر-بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار بار. نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلارغا كۆرە، «پىۋا قورساق» لىق ئەرلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى نورمال ئەرلەردىن 8 ھەسسە يۇقىرى؛ تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى 5 ھەسسە؛ دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپدار بولۇش نىسبىتى 7 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە مېڭە تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ «پىۋا قورساق» ئەرلەردە دائىم كۆرۈلىدىكەن.
ئۇنداقتا، نۇرغۇن دىشىۋارچىلىققا سەۋەب بولىدىغان بۇ «پىۋا قورساق» نى قانداق يوقىتىمىز؟ قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازما داۋامىدا بولسۇن!

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号