ئەرلەردىكى پىسخىك خارەكتىرلىك جىنسى توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەڭشەش!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 28455:ئادەم ئۆگەندى

   مەنى بالدۇر كىتىش، ئەرلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشى ھەمدە جىنسى ئىقتىدار توسالغۇسىدىكى ئەڭ كۆپ كۈرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى ؛ كىسەللىك سەۋەبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلىمى، ئوخشاش بولمىغان مىجەز خارەكتىر، ئوخشاش بولمىغان سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغىنى مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلىنى كۆپىنچە پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋالدا ئاندىن ئەزا خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ.

   پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىش كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ سىپىرما قويۇپ بىرىش يۇشۇرنۇش ۋاقتى ئادەتتە نورمال دائىردە بولۇپ، ئادەتتىكى بىمارلارنىڭ 6-3مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەتتا بەزى بىمارلارنىڭ 20مىنۇتقا يىتىدۇ؛ سوبىكتىپ جەھەتتە ئۆزىنى مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلى بار دەپ قارايدىغان بىمارلار، سىپىرما قويۇپ بىرىش يۇشۇرنۇش ۋاقتى نورمال دائىردە بولغان بىمارلارغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئالامىتىنى نورمال پاتولوگىيىلىك جەريان دەپ قاراشقا بولمايدۇ؛ بۇ خىلدىكى بىمارلاردا ئادەتتە پىسخىكىلىق توسقۇنلۇق ياكى جىنسى ھەمراھى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋال ئۆز-ئۆزىمىزگە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.

پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەڭشەش

   1. جىنسى تۇرمۇش ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئىش، شۇڭلاشقا ئەرلەردە مەنى بالدۇر كىتىش كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئايالىڭىز سىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوختۇرىڭىز بولالايدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىزنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ، ھەمدە سىزگە ھەممىدىن بەك ياردەم قىلالايدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ھالقىلىق مەسىلە، سىز ۋاقتىدا ئايالىڭىز بىلەن پىكىرلىشىپ، سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىز ۋە ھىسياتىڭىزنى ئۇنىڭغا بىلدۈرىشىڭىز، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىككىڭلار ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ مۇنازىرە قىلىشىڭلار لازىم. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئە-خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرنەلىك بولغان.

   2. مەنى بالدۇر كىتىش ئايالىنىڭ جىنسى تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىغى ئۈچۈن، مەنى بالدۇر كىتىش كىسىلى بار نۇرغۇن ئەرلەر ناھايىتى ئازابلىنىپ بىئاراملىق ھىس قىلىدۇ؛ ئەگەر ئۈزۈلمەي نەچچە قېتىم مەنى بالدۇر كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۆزىنىڭ جىنسى ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كەتتىمىكى دەپ ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. بۇخىل ئەنسىرەشنىڭ جىنسى تۇرۇمۇشقا تەسىرى ناھايىتى زور، كۆپىنچە پىسخىك خارەكتىرلىك باھ ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمىلىيەتتە بىز ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، بىر نەچچە قېتىملىق مەنى بالدۇر كىتىش، سىزنىڭ جىنسى ئىقتىدارىڭىزدا مەسىلە بارلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ، بەلكى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ روھى كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشىمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولۇپ، ۋاقىتلىق مەسىلە ھىسابلىندۇ.

   3. مەنى بالدۇر كىتىدىغان ئەرلەر كۆپىنچە ناھايىتى تەشۋىشلىنىدىغان كىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ باھ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ھەر قېتىملىق جىنسى تۇرمۇش جەريانىدا مەنىنىڭ يەنە بالدۇر كىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ھەتتا جىنسى تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلايدۇ، لىكىن دەل مۇشۇنداق پىسخىكىلىق بېسىملار مەنى بالدۇر كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر. نەچچە قېتىملىق مەنى بالدۇر كىتىش ھېچنىمىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، زىيادە ھاياجانلىنىش ۋە ھېرىپ-چارچاشلارنىڭ ھەممىسى مەنى بالدۇر كىتىش نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ بەدىنى ۋە كەيپىياتىنى ياخشى تەڭشەپ بەرسەك كۆپ قىسىم مەنى بالدۇر كىتىش ئەھۋاللىرىدىن ساقلانغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   4. نۇرغۇن ياشلار بىرە قېتىم مەنى بالدۇر كىتىش كۆرۈلگەن ھامان، ئۆزىنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن ئەنسىرەپ، تەرەپ –تەرەپلەرگە قاتراپ ھەرخىل قۇۋۋەت دورىلىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىدۇ؛ جاھەنكەزدى "پارتىزان" دوختۇرلارنىڭ يالغان-ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ، قۇۋۋەت دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، بۇرنى قاناپ، چىش مىلىكلىرى ئىششىشتەك " ئىسسىقلىقى" ئېشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدۇ. ئەمىلىيەتتە كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ ھېچقانداق يىرى ئاجىز ئەمەس بولۇپ، بۇنداق دورىلىق قۇۋۋەت تۇلۇقلاشنىڭ قىلچىلىك زۈرۈرىيىتى يوق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش كىرەك بولسىمۇ، رەسىمى يۇسۇندىكى دوختۇرخانىلاردىكى، ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىتراپ قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسىدە تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەرلەردە ئەگەر پاتولوگىيىلىك مەنى بالدۇر كىتىش كۆرۈلگەندە، بىرىنچى ۋاقىتتا رەسمى يۇسۇندىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كىرەك. پىسخىلوگىيىلىك خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىشنى بولسا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇللار ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارسا ۋە ئالدىنى ئالسا بولىدۇ؛ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ئارتۇق بېسىم بىرىۋىلىپ، پىسخىكىلىق خارەكتىردىكى مەنى بالدۇر كىتىشنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كىرەك.

    قىسقىسى، روھى ھالىتىڭىزنى توغرا تۇتۇپ، ئۆزىڭىزنى ئازادە قويۇپ بىرىپ، ھەمراھىڭىز بىلەن ماسلىشىشچان كەلگەن گۈزەل جىنسى تۇرمۇشقا ئىگە بولۇڭ!

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号