ئەرلەرنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكى
10 يىل ئىلگىرى axpaz712 12255:قېتىم كورۇلدى

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر نېمە يېسە «ساغلاملىقى ناچارلىشىش ھالىتى» دىن قۇتۇلالايدۇ؟
ھازىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتا پىشۇرۇپ يېيىش مودىغا ئايلاندى، يالپاقلانغان سالمون بېلىقى، چىپار بېلىق، ئاتباش بېلىق، يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتى، يىلان، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار خېرىدارلار، دوست-بۇرادەرلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ياخشى قورۇمىلارغا ئايلاندى.


بىراق، بۇ يېمەكلىكلەردە پارازىت قۇرت ۋە باكتېرىيىلەر كۆپ، يەنە كېلىپ ئەسلىي تەمىنى ساقلاش ئۈچۈن چالا قورۇلغاچقا، كىشىلەر بۇ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە پارازىت قۇرت ۋە باكتېرىيىلەرمۇ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئۇزاق مەزگىل ئىشخانىدا يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى دائىم كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ۋىتامىن A نى ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەپتىدە ئۈچ تال سەۋزە يەپ بەرگەندە، بەدەنگە كېرەكلىك نورمال مىقداردىكى ۋىتامىن A نى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. كۈندە ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان پۇرسىتى يوق دېيەرلىك بولغاچقا، ئۇلار ۋىتامىن D كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار دېڭىز بېلىقى، توخۇ جىگىرى، تەركىبىدە ۋىتامىن D مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.
ھاراقنىڭ پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار. ئادەم كۈنىگە 20~30 مىلىلېتىر قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرسە، يۈرەك كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى %75 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، بىراق، پىۋىنى كۆپ ئىچكەندە يۈرەكنىڭ قېرىشى تېزلىشىپ، قان تەركىبىدىكى ئاليۇمىن مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ.

#P#
يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. كالتسىي كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تېرىككەك ئادەملەر سۈت، قېتىق، پىشلاق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە سۆڭەك شورپىسى قاتارلىق تەركىبىدە كالتسىي كۆپ يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، كۆڭلىنى تىنچلاندۇرسا بولىدۇ. دائىم جىددىيچىلىكتە ئۆتىدىغان كىشىلەر كۈنىگە 3~5 تال چىلان يەپ بەرسە، بەدەنگە كېرەكلىك نورمال مىقداردىكى ۋىتامىن تولۇقلىنىدۇ، شۇنداق قىلغاندا جىددىي خىزمەت مۇھىتىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.
كىشىلەر چارچىغاندا توخۇ، بېلىق، گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك. چۈنكى چارچىغاندا بەدەندە كىسلاتالىق ماددىلار يىغىلىپ قالىدۇ، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر كىسلاتالىق يېمەكلىك بولغاچقا چارچاشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ ئەكسىچە يېڭى كۆكتاتلار، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا چارچاشنى تۈگىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا روھلىنىپ چارچاشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى سەۋزە، قاپاق لازا، غولپىياز،
پالەك ۋە سېرىق رەڭلىك مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى ياكى ناشتىلىقىدا ۋىتامىن C، ۋىتامىن A ۋە ئانئورگانىك تۇز تولۇقلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، راك ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، تاماكا تاشلاش سالامەتلىككە ئەڭ پايدىلىق، ئەلۋەتتە.
ئادەمنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ساغلاملىقىنى بەلگىلەيدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号