ۋىتامىن A ۋىتامىن A بەدەننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۇرۇش رولىغا ئىگە. بىر ئەر ھەر كۈنى 1000mg ۋىتامىن A غا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. ئادەتتە سەۋزە، جىگەر، سۈت ياسالمىلىرى، بېلىق، شوخلا، ئۆرۈك ۋە قوغۇننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A مول. ۋىتامىن A ئاساسلىقى كۆرۈش سېرىق ئالكوھولنى كۆرۈش سېرىق ئالدېھىدغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئېتىل ئالكوھول ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆرۈش سېرىق ئالدېھىدنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ، كۆرۈش دەۋرىيلىكى ۋە ئىسپېرمىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك.
ۋىتامىن B6 ۋىتامىن B6 بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن گەۋدىلىك. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن B6

تېرە راكى، دوۋساق راكى ۋە تاش چۈشۈش كېسىلى (ئەرلەرنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈش ئاياللارغا قارىغاندا 2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ) نىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ. بىر ئەر كىشى كۈنىگە 2mg ۋىتامىن B6 (تەخمىنەن 2 دانە چوڭ بانان تەركىبىدە شۇنچىلىك بار) گە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. كۆپرەك ھەرىكەت قىلىدىغانلار كۆپرەك تولۇقلىسا ياخشى. ئادەتتە توخۇ، بېلىق، جىگەر، ياڭيۇ ۋە گازىر قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B6 بىر قەدەر مول. مۇتەخەسسىسلەر كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ۋىتامىن B6 نىڭ 50mg دىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ۋىتامىنC ۋىتامىنC ئاساسلىقى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە زۇكام، راك، يۈرەك كېسىلى، سەكتە، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىش ۋە چىش يىلتىزىنى ئاسراش، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، ئۇ يەنە ئەرلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئادەتتە ۋىتامىنC گازىر، كۆك مۇچ، ئاپېلسىن، ئۈزۈم شىرنىسى، شوخلا قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ.
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، كۈندە 200mg ~ 300mg ۋىتامىنC قوبۇل قىلسا مۇۋاپىق بولىدىكەن، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ gμ60 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. يېرىم پىيالە ئاپېلسىن شەربىتى كۈندىلىك ئىھتىياجنى قامدىيالايدىكەن. تاماكا چېكىدىغانلار ۋىتامىنC نى كۆپرەك تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
ۋىتامىنE ۋىتامىنE خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، قان پلاستىنكىلىرىنىڭ ئارتېرىيە ئىچىدە يىغىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش، كۆزگە ئاق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ۋىتامىنE ئۆرۈك مېغىزى، خاسىڭ ۋە ياۋا ياڭاق تەركىبىدە مول.

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号