ئەرلەرنىڭ كۈنى تەس
10 يىل ئىلگىرى axpaz712 10020:ئادەم ئۆگەندى

ئەرلەر ئەسلىدە ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ، ئۇلارغا «كۈچلۈك» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەندىن كېيىن كۈنى تەس بولغان.
گېنشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەر-ئاياللار گېنىنىڭ %99.9 ى ئوخشاش بولۇپ، پەرقى ناھايىتى چەكلىك ئىكەن. ھەر ئىككىسىدە تۈرلۈك ئارزۇ-ئارمان، ھەۋەسلەر بولىدىكەن. بىراق ئەرلەرنىڭ كۈنى تەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى ئائىلە بېسىمى، تالادىكى ئىجتىمائىي بېسىمى، ئىش ئورنىدىكى خىزمەت بېسىمى قاتارلىق بېسىملىرى كۆپ بولغاچقا، ئوڭايلا كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولىدۇ. شۇنداقلا، تېرىككەك بولغاچقا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ. سىتاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشلەرگە كۆرە، ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئومىيۈزلۈك ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىدىن بىر قانچە ياش قىسقا بولىدىكەن، روسىيىگە ئوخشاش ئەللەردە ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن كەم ياشايدىغان يىلى 13 يىلغا يېتىدىكەن.
 

ھازىرقى ئىدراكىيلاشقان، ئۇچۇرلاشقان زامانىۋىي دەۋردە ئەرلەرگە يەنىمۇ ئىنچىكە، قاتتىق تەلەپلەر قويۇلماقتا. ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئادەت تۈپەيلىدىن ئەرلەر تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چاققان، تېخىمۇ ئىقتىدارلىق، تېخىمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك؛ ئەرلەر تېخىمۇ ئەتراپلىق يېتىلگەن، تىرناقتا توختىغۇدەك بولۇشى كېرەك؛ ئەرلەر يېڭىلىگىنىگە ھەرقاچان تەن بەرمەسلىكى، يىقىلغاندا يىغلىماسلىقى، ھەرقاچان ئاھ-ۋاھ دېمەسلىكى كېرەك... دەپ قارالغاچقا، ئەرلەر دەردىنى ئىچىگە يۇتىدىغان، كۆڭۈل سىرىنى دېيەلمەيدىغان، ئاغرىپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنمەيدىغان، ئەگەر شۇنداق قىلمىسا ئەركىشىگە ئوخشىماي قالىدىغاندەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.


تۇرمۇش يولى دەقىيانۇسنىڭ زامانىسىدىن باشلاپ مۇشۇنداق ئېگىز-پەس ۋە تۈرلۈك-تۈمەنخىل بولىدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار. بىراق رېئال تۇرمۇشتا ئاياللار يىغلىسا باشقىلار ئىچ ئاغرىتىپ، تەسەللىي بېرىشىدۇ. ئەمما ئەرلەر يىغلىسا لامزەللە ۋە يارىماس، دەپ قارىلىدۇ. ئاياللار نېمە گېپى بولسا دەۋەرسە بولىۋېرىدۇ، كىشىلەر ئۇلارنى كوت-كوت كېلىدۇ، ئۈچ ئايال بىريەرگە كەلسە پۈتكۈل جاھاننىڭ پارىڭىنى قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دەپ قارىشىدۇ. ئەمما، ئەرلەر تولا گەپ قىلسا قارشى ئېلىنمايدۇ، كوتۇلدىسا يارىماس، دەپ ئەيىپلىنىدۇ؛ ئاياللار ئاغرىپ قالسا يېنىدىكى ئەرلەر تۇتقان-قويغىنىنى ئۇنتۇپ ئۇلارنى دوختۇرغا كۆرستىشىدۇ. بىراق، ئەرلەر كۆپىنچە ئۆز ئاغرىقىنى تاكى ئېغىرلىشىپ ئىمكان بولمىغۇچە ياكى تاغدەك بەستى يىقىلغۇچە يوشۇرۇپ يۈرۈشىدۇ.


بۇنى ئاز دېگەندەك «ئەرلەر كۈچلۈك، ئاياللار ئاجىز» دەيدىغان ئەنئەنىۋىي قاراش تۈپەيلىدىن مۇۋاپپەقىيەت قازانغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرىمۇ مىسلىسىز بېسىملارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئاياللىرىنىڭ شان-شۆھرىتىدىن پەخىرلىنىش ئورنىغا ئۆزلىرىنى خۇددىي بارغانسېرى بېسىمغا ئۇچراۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئايالىنىڭ كىرىمى ئۆزىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان ئەرلەر ئۆزىنى بەخىتسىز دەپ قارىغان ۋە ئۇلارنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى چىققان.
ئاخىرىدا شۇنى دەيمىزكى، يالغۇز ئاياللارلار ئاياش-ئاسراشقا مۇھتاج بولۇپ قالماستىن، ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، پەرزەنتلەرنىڭ ئايىشى-ئاسرىشىغا مۇھتاج.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号