ئەرلەر ھەر يىلى چوقۇم قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ئالتە خىل تەكشۈرۈش
7 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 27660:ئادەم ئۆگەندى

 ئەرلەرنىڭ چوقۇم قىلدۇرمىسا بولمايدىغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرى قايسى؟

1. قان بېسىم

ئەرلەرنىڭ ئادەتتكى بېسىمى بەك ئېغىر بولسا، يەنە ھاراق-تاماكا ئادىتى بولسا ھەر يىلى بىر قېتىم قان بېسىمىنى چوقۇم تەكشۈرتىشى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر يۇقىرى قان بېسىمنى پەقەت ياشانغانلارنىڭ مەخسۇس كېسىلى دەپ قارايدۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل كېسەللىك ياشلىشىشقا، بولۇپمۇ ئەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلۈشكە يۈزلەنمەكتە.

ئۆپكە تەكشۈرتۈش

2.كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تاماكا چېكىش تارىخى بار، بۇ ئاسانلا ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ مىقدارد كوكس بەدەندە يىغىلىپ ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلدا تەكشۈرتۈش، بولسا تاماكا تاشلاشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئەھمىيىتى بار.

3. جىگەر تەكشۈرتۈش

ھاراق ئىچىش ئادىتى بارلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارىدا ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلىسى بولىدۇ، بۇ يەنە جىگەرنى ماي قاپلاش ۋە جىگەر ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە جىگەر تەكشۈرتۈش تۈرىنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىك كېرەك.

4. يۈرەك-مېڭە قان تومۇر تەكشۈرتىشى

نۆۋەتتە بۇ خىل كېسەللىكلەر بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا، بولۇپمۇ خىزمەتچى خادىملارنىڭ چېنىقىشى كەمچىل بولۇپ، خىزمەت بېسىمى بىلەن بىرلىشىپ ئاسانلا مۇشۇ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. مەزى بېزى تەكشۈرۈشى

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى ئۆرلەپ بارىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىكى ئەرلەر يىلدا بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ مەزى بېزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى بەك روشەن بولمايدۇ، شۇڭا كېسەللىكنى بالدۇر بايقاشنىڭ داۋالاشقا ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بولىدۇ.

6. پۈتۈن بەدەننى تەكشۈرتۈش

پۈتۈن بەدەننى سكاننېرلاپ تەكشۈرگەندە 500 خىلدىن ئارتۇق كېسەللىكلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ، توغرىلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، تەكشۈرۈش ۋاقتى قىسقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرىمۇ بار.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号