ھەممىگە مەلۇم، ساقال ئەرلىكنىڭ ئىپادىسى، ئەرلەر قۇرامىغا يېتىش بىلەن تەڭ ساقال-بۇرۇتى تەڭ ئۆسۈشكە باشلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن نورمال ھادىسە. كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن، ساقال-بۇرۇت، ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىيااپىتىگە باھا بېرىشتە سالاپەتنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ساقال -بۇرۇتلىرى قويۇق بولسا. ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.، ئەكىسچە بولغاندا ئۇنداق ئەمەس دەپ قارايدۇ. بۇنداق دېيىش توغرىمۇ؟ بەزىلەر ساقال ئالغاندا ۋاقىتقا دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ؛ ئۇنداقتا قايسى ۋاقىتتا ساقال ئېلىش ياخشى ئەمەس؟ بۈگۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ساقالنىڭ تېز ئۆسۈشى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ ئەمەلىيەتتە ساقالنىڭ تېز ئۆسۈشى، بەدەندىكى ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھورمۇن كۆپ بولسا، بەدەن ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ؛ چۈنكى، ئەرلەر بېسىم ھېس قىلغان ۋاقىتتىمۇ، بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېز بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ساقالنىڭ ئۆسۈشىمۇ تېزلەيدۇ، شۇڭا ساقالنىڭ تېز ئۆسۈشى ياكى ئۆسمەسلىكى بەدەن ساپاسىنىڭ ياخشى-ناچارلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئەرلەر ساقال ئالغان ۋاقىتتا. ۋاقىتنى قانداق تاللىشى كېرەك ئادەتتە، تۆۋەندىكى ۋاقىتلاردا ساقال ئالماسلىق كېرەك: كەچتە: چۈنكى بۇ ۋاقىت تۈك ئۆسۈشنىڭ ياخشى ۋاقتى؛ شۇڭا بۇۋاقىتتا ساقال ئالغاندا تۈك خالتىلىرىنى غىدىقلاپ، ساقالنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا تۈك خالتىسىغا پايدىسىز. ئىككىنچىدىن يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن: يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن ساقال ئېلىشنىڭ يۈزگە تەسىرى بار بولۇپ، ئەگەرساقالنى ئېلىۋېتىپ ئاندىن يۇيۇنسا، يۈز تېخىمۇ كۈچلۈك غىدىقلىنىدۇ، شۇڭا بۇمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز، ئاخىرقىسى چېنىقىشتىن بۇرۇن ساقال ئېلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ساقال ئالغاندىن كېيىن، ھەرىكەت قىلغاندا تەر چىقىدۇ، بۇنداق بولغاندا سۈركىلىپ كەتكەن ئورۇنمۇ غىدىقلىنىپ ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ
.
ئەرلەر ساقىلىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ئىككىنچىدىن ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، زىيادە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ياكى تۈنەشكە بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش ساقالغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي ، يەنە كۆپ ھاللاردا سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىمىز: «ساقال ئېلىش» ۋاقتىغا دىققەت قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق.