ئەر كىشىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۆزگىرىشلەر
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 287999:ئادەم ئۆگەندى
   قىرىق ياش ئەتراپىدىكى ئەر كىشى، كىشىلىك ھاياتتىكى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ؛ ئەمما ئوخشاشلا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئوتتۇرا ياش مەزگىل، ھەم بەدەن ئورگانىزىم ئىقتىدارى پىشىپ-يېتىلىدىغان مەزگىل، ئۇ ھەم يەنە ياشىنىشقا قاراپ ماڭغان ئۆتكۈنچە دەۋر. بۇ مەزگىل، كېسەللىك شەكىللىنىش دەۋرى بولۇپ، فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارلار يۇقىرى پەللىدىن تۆۋەنلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان بولغاچقا، قىسمەن ئەزالار ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن كېسەللىكلەر شەكىللىنىشكە ياكى ئاشكارىلىنىپ چىقىشقا باشلايدۇ.
    كېسەللىكنى يېڭىپ چىقىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپنىڭ بىرىسى، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش قىلىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر بەدىنىدە بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلسە، بۇنىڭغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
   1. كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ سۈيدۈك تامچىلايدىغان بولۇپ قالسا، دىئابىت كېسەللىكى، مەزى بېزى يوغىناش ياكى مەزى بېزى راكى قاتارلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
   2. دۆڭگە ياماشقان ياكى پەلەمپەيدىن چىققان ۋاقىتتا ھاسىراپ يۈرەك ئاغسا، ھەمىشە كۆكسى سىقىلىش، كۆكسى ئاغرىش ياكى تىت-تىت بولۇپ خاتىرجەمسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
   3. ھۆتەل ۋە بەلغەم پەيدا بولسا ھەمدە بەزىدە بەلغەمگە قان ئارىلاش كەلسە، كاناي كېڭىيىپ كېتىش، ئۆپكە تۇبۇركۇلىيۇز، ئۆپكە راكى قاتارلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
   4. ئىشتىھا تۇتۇلۇپ قورساق كۆپۈپ بىئاراملىق ھېس قىلساق، چوڭ تەرەت قانۇنىيەتسىز بولۇپ قالسا، ئاشقازان ياكى جىگەر كېسەللىكلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
   5. ھاراق ئىچسە ئاسانلا مەست بولۇپ قالىدىغان، ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى كۈنىمۇ ئوڭشىلالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، جىگەر كېسەللىكلىرى ۋە ئارتىرىيە قېتىشىشتىن ئېھتىيات قىلىش لازىم.
   6. ھەمىشە ئاشقازان ئاغرىش ۋە ئېچىشىش، ھېق تۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان كېسەللىكى، ئاشقازان يارىسى ياكى ئاشقازان راكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
   7. ئۇنتۇغاق بولۇپ قالسا، بەزىدە بىر ئىشنى قايتا-قايتا قىلىدىغان بولۇپ قالساق، مېڭە ئارىتىرىيە قان تومۇرلىرى قېتىشىش كېسەللىكلىرىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
   8. يۈز قىسىمى ۋە پۇتلىرى ئىششىپ قالسا ھەم بەل دۈمچە ئاغرىسا، بۆرەك كېسەللىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号