
قىسقا ۋاقىت كۆكرەك ئاغرىش
بۇ خىل ئاغرىق تېز پەيدا بولىدۇ، تېز يوقايدۇ، بۇ بەلكىم ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلاشقانلىقى ياكى يۈرەك كېسەللىكى قوزغالغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، يۈرەك توقۇلمىلىرىنىڭ زەخىملەنگەن ياكى زەخىملەنگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك.
يىرىق بىلەن يوتا قوشۇلۇپ ئاغرىش
بۇ خىل ئاغرىق كۆرۈلۈش بىلەن بىللە ئىششىق پەيدا بولسا ئۇرۇقدان زەخمىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئۇرۇقدان بېغىشنىڭ قان ئايلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۇرۇقدانغا قان يېتىشمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ تۆت سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە ئارىلىقتا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر 12 سائەتتىن 24 سائەتكىچە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، ئۇرۇقداننىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ خىل ئالامەتنىڭ كالتە ئىشتاننى مۇۋاپىق كىيمىگەنلىك سەۋەبىدىن، قوشۇمچە ئۇرۇقداننىڭ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈپ، كېسەللەرگە ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇش لازىم.
دۈمبە قاتتىق ئاغرىش
ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا بەلگىلىك سەۋەبىدىن ئاغرىپ قالىدۇ، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ئارام ئېلىش ۋە ھەم ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى ئىچسىمۇ ئۈنۈمى بولمىسا، شۇنداقلا ھەرىكەت سەۋەبىدىن پەيدا بولغان زەخىملىنىش بولمىسا ئارتېرىيە ئۆسمىسى ياكى بۆرەككە تاش چۈشۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. كېيىنچە ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتسە، كومپيۇتېرلاشقان قەۋەتسىمان تەسۋىر چۈشۈرگۈچتە تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك.
پۇت توختىماي ئاغرىش ياكى پاقالچاق ئاغرىش
پۇت ياكى پاقالچاق ئاغرىسا، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتسە، ئارام ئالغاندىمۇ ئاغرىق توختىمىسا، ھەمدە ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىمۇ كار قىلمىسا، سۆڭەك سۇنغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا رېنتىگىندە تەكشۈرۈش كېرەك.
پۇت ئىششىپ قېلىش
بولۇپمۇ پاقالچاق ئىشىشىپ ھەم كۆيۈشۈپ ئاغرىسا، چوڭقۇر ۋېنانىڭ بىنورمال قېتىشىشىدىن قان نوكچىسى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا ئۆپكە كەپلەشمىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، كېسەللىك مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، دورا ئارقىلىق قان نوكچىسىنى يوقىتىش لازىم.

كىچىك تەرەت ئاغرىتىپ كېلىش
بۇ دوۋساق ياللۇغىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. تاماكا چېكىش بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب، شۇڭا كېسەللىكنى قانچە بالدۇر بايقاپ داۋالىغاندا داۋالاش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
دوۋساق قاتتىق ئاغرىش
بۇ خىل ئاغرىق پىچاق تىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئىچكى ئەزالاردا ياللۇغ پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ياكى ئۆت ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى ئاغرىسا، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، قورساقنىڭ ئۈستى قىسمى ئاغرىسا ئاق قان ھۈجەيرىلىرى ئۆرلەپ كەتكەن بولۇشى ھەمدە ئۆت ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئاستى تەرىپى ئاغرىسا، ئاشقازان بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号