ئۇخلاش ئالدىدىكى بۇ قىلمىشلار ئەرلەرنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 317801:ئادەم ئۆگەندى
   ئۇخلاش ئالدىدا ساغلام ئادەتلەرنى ساقلاش، ئۇيقۇغا پايدىلىق. لېكىن ئەرلەرگە نىسبەتەن، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل قىلمىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ بولمىغاندا، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە سىزگە كېسەللىكمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇخلاش ئالدىدا تاماكا چىكىش
   ئۇخلاش ئالدىدا تاماكا چىكىش، ئەڭ ناچار ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇخلاش ئالدىدا تاماكا چەكسەك، قاننىڭ قۇيۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، قاندا نۆكچە پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇخلاش ئالدىدا ھاراق ئىچىش
   نۇرغۇن كىشىلەر، ئۇخلاش ئالدىدا ھاراق ئىچىۋالساق، مەستلىكتىن ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلاپ ياخشى ئارام ئالالايمىز دەپ ئويلايدۇ؛ لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىش تېخىمۇ خەتەرلىك. چۈنكى ھاراق، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىنى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ، چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرىمۇ بىر قەدەر چوڭ. بۇندىن باشقا، ھاراق ئىچىپ بولۇپلا ئۇخلىساق، ئاشقازاندىكى تېخى ھەزىم قىلىنىپ بولالمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ يېنىپ چىقىشىنى پەيدا قىلىپ، ئېغىر بولغاندا نەپەس بوغۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئۇخلاش ئالدىدا مايلىق يېمەكلىكلەرنى يىيىش
   نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ئالدىدا كېچىلىك تاماق يەيدىغان ئادىتى بار. ئۇخلاش ئالدىدا يۇقىرى ماي تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تېخىمۇ ئاسان ئۆرلىتىپ، قاننىڭ تېخىمۇ قويۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا راك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号