يىتەرلىك پىشىپ يىتىلگەن بىر ئەركىشىنىڭ مەپتۇن قىلارلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، يىللارنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگىنى، پىشىپ يىتىلىش ۋە سالاپەت بولىدۇ؛ بۇنداق كىشىلەرنىڭ سالاپىتى ئادەتتە ئۇلارنىڭ سىرتقى سۆلىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، سىرتلارغا چىققاندا ئۇنچە كۆپ مودا كىيىملەرنى كىيىپ ياسانمىسىمۇ، باشقىلاردا ئوخشاشلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالايدۇ. ئۇنداقتا، بۇ خىلدىكى ئەرلەر نىمە ئۈچۈن بارغانسىرى بۇنداق جەلپكار بولۇپ كىتىدۇ؟

ھەركۈنى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش
ئەركىشى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنى قاۋۇل بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى مۇسكۇللىرى بارغانسىرى چىڭىپ، كىيىم كېيسىمۇ يارىشىدۇ ھەمدە يول مېڭىشلىرىمۇ كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھالەتتە بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار تەبىئىيلا مەپتۇن قىلارلىققا ئىگە بولالايدۇ.
بەدىنىدە غەلىتە پۇراقلار بولماسلىق
ئەرلەرنىڭ ئوبرازىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەدىنىدە غەلىتە پۇراق بولماسلىق ئىنتايىن مۇھىم؛ ئەگەر سىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، ئېغىزىڭىزدىن بىر خىل سامساق پۇرىقى كىلىپ تۇرسا، قارشى تەرەپنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ قويىسىز. شۇڭلاشقا، بىز ھەرقېتىم غىدىقلاش پۇرىقىغا ئىگە يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن، چوقۇم ئېغىزىمىزنى ۋاقتىدا چوتكىلىشىمىز ياكى ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدىغان پۈركىمىلەرنى ئىشلىتىشىمىز كىرەك. بۇندىن باشقا، تاماكا چىكىدىغانلارنىڭمۇ چىشلىرى سارغىيىپ، ئېغىزىدا قۇيۇق تاماكا پۇرىقى قالىدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاپ تۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.

ھەركۈنى كىتاپ ئوقۇش
نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ تۈز مىجەز كىلىشىدە، ئۇلارنىڭ ھىسىي كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن تۆۋەن كىلىدىغان بولۇپ، بىر ئىشلاردا ماسلىشىشنى ۋە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى بىلمەيدۇ؛ بۇنداقلار، خىزمەتتە ئاۋارىچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، دوستلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدىمۇ ئاسانلا مەسىلە كۆرىلىدۇ. شۇڭلا، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئەرلەر كىتابنى كۆپرەك ئوقۇپ بىرىشى كىرەك؛ چۈنكى، ھىسي كۆرسەتكۈچنى يىتىلدۈرۈشكە بولىدۇ—يەنى، كىتاپنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسەك، ھىسي كۆرسەتكۈچىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
سىرتقا چىققاندا پۇل قاپچۇقى ئېلىپ چىقىش
ھازىر يانفون ۋە بانكا كارتىسى ئارقىلىق ھىسابات قىلىش قولايلىق بولۇپ كەتتى؛ بىراق، سىرتلارغا چىققاندا قولىمىزدا يانفوننى كۆتۈرۈپلا ماڭغىلى بولمايدۇ، پارچە پۇللار، بانكا كارتىسى، ئاچقۇچ دىگەنلەرنى ئېلىپ چىقماي بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، سىرتقا چىققاندا پۇل قاپچۇقى ئېلىۋىلىش كىرەك؛ بۇنىڭدا قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ھەم باشقىلارغا بىر خىل ساپالىق تۇيغۇ بىرىسىز.