كىشىلىك ھاياتتا، مەيلى ئەقىللىق ئادەملەر بولسۇن ياكى گالۋاڭراق يۇۋاش ئادەملەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى بار بولۇپ، ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن ئىھتىيات قىلغان ۋاقىتتا، ئاندىن ئىشلاردا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ.
ئالتۇن ھامان پاقىرايدۇ، بىر ئادەمنىڭ كۆز-كۆز قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەبلىغى بار بولۇشى، بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدا ئېيتقانلىرى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى تىرىشىپ ئىشلەپ بارلىققا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشىدىن بولىدۇ.

ئادەتتە، روھى جەھەتتىن نامرات بولغان ئەرلەردە، تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بار بولۇپ، ئۇلار ھەرقانچە مۇنەۋۋەر بولسىمۇ، چوڭ بىر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ.
ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشماي، باشقىلار بىلەن يۇقىرى تۆۋەنلىكنى تالىشىدۇ
كىشىلىك ھاياتتا، نىشاننى خاتا تاللاپ، خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشتىن قورققۇلۇق؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇرمۇشتا ھەرگىز باشقىلار بىلەن ئۈزۈڭگە سوقۇشتۇرىمەن دىمەسلىك، باشقىلار بىلەن بە س تالاشماسلىق كىرەك. چۈنكى، سىز يىڭىپ چىقىشقا تىگىشلىك ئادەم ئۆزىڭىزدۇرسىز.
باشقىلارنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. نەزىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۈستىگە يۆتكەپ ئالساق، ئاندىن ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغاننى، يىتەرسىز تەرەپلىرىمىزنى، ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى ۋە بىزگە ماس كىلىدىغانلىرىنى بىلىپ يىتەلەيمىز؛ بۇنىڭدا، تۇرمۇشىمىزدا تەبىئيلا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايمىز.
تۇرمۇشتا، ئەڭ چوڭ ئالدامچى ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىز بولۇپ، بىز ھەمىشە باشقىلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاپ، ئۆزىمىز ئۆزگىرىش قىلىشنى رەت قىلىمىز. ھەرقېتىم بىرەر ئىش قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ قىلغان قىلمىغانلىقىغا قارايمىز؛ ئەمىلىيەتتە، باشقىلارنىڭ بىز بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق.

تىرىشمايدۇ ۋە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ، خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلىدۇ
نۇرغۇن كىشىلەر، ھەركۈنى ئېغىزىدا تۇرمۇشنىڭ ئۇنداق بېسىمى، تۇرمۇشنىڭ بۇنداق قاتتىقلىقى دەپ توختىماي سۆزلەيدۇ، بىراق ئەمىلىيەتتە، قىلچىلىك تىرىشمايدۇ؛ غۇربەتچىلىكتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ، ئەمما ئەزەلدىن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمايدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى سىرتقى قىيىنچىلىق ئەمەس، بەلكى بىر ئادەمنىڭ ھۇرۇنلۇقى بولۇپ، ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان، ھەتتا ھۇرۇنلۇق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ. تۇرمۇشقا قارىتا، ئەگەر سىز ھۇرۇنلۇق بىلەن يۈزلەنسىڭىز، ئۇنداقتا تۇرمۇشمۇ سىزگە ئوڭ كۆزىدە قاراشقا ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ.
بىل.گايتىس ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: "ھۇرۇنلۇق بىر ئادەمنىڭ روھىنى چىرىتىدۇ، ئۇ خۇددى چاڭ توزانغا ئوخشاش، ھەرقانچە قاتتىق تۈمۈرنىمۇ داتلاشتۇرۋىتەلەيدىغان كىلىدۇ؛ ھۇرۇنلۇق بارلىق ناچار ئىللەتلەرنىڭ كىلىش مەنبەسى، ئۇ بىر ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا گۇمران قىلىۋىتەلەيدۇ.