بويى 170كىلىدىغان ئەرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى قانچىلىك بولسا نورمال
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 52751:ئادەم ئۆگەندى
    سېمىزلىك، بىر ئادەمنىڭ سرتقى قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ ھەرخىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، مەيلى ئايال كىشى بولسۇن ياكى ئەركىشى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى دائىرىسى بار بولۇپ، پەقەت بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇشۇ ئۆلچەملىك دائىردە ساقلىغان ۋاقىتتىلا، ئاندىن تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    ئادەتتە بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر مىتىر يەتمىش سانتىمىتىر ئەتراپىدا كىلىدۇ؛ شۇڭا بىز 170سانتىمىتىرلىق بوي ئېگىزلىكنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 65كىلوگىرام كەلسە نورمال بولىدۇ. بۇندىن باشقا، نورمال بەدەن ئېغىرلىقى مۇقىم بىر قىممەت بولماستىن، ئۇنىڭ بەلگىلىك بىر دائىرسى بولىدۇ؛ يەنى، ئۆلچەملىك ئېغىرلىق ئاساسىدا، %10ئەتراپىدا يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسىمۇ نورمال دائىردە بولغان ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە بوي ئېگىزلىكى 170سانتىمىتىر بولغان ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 58.5كىلوگىرامدىن 71.5كىلوگىرامغىچە بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىدىكى سەۋەپلەر
    ئەگەر ئەرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، نورمال ئۆلچەمدىن %20 ئېشىپ كەتسە، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار سېمىزلار قاتارىغا كىرگەن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۇرۇقلايمەن دىسەك، ئاۋال بەدەن ئېغىرلىقىمىزنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىش سەۋەبىنى ئىزدەپ تاپقاندا بولىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئادەتتە مىھماندارچىلىق كۆپ بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭغا ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چىكىش قوشۇلۇپ، بەدەندە زور مىقداردا ئىنىرگىيە توپلىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك سېمىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، روھى بېسىم ئېغىرلاپ كەتسىمۇ، ئادەمنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارى ۋە مىتابولىزىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئىچكى ئاجرالمىلاردا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، ئادەم ئاسان سەمىرىپ قالىدۇ.
قانداق ئۇرۇقلاش كىرەك
   ئەرلەرگە نىسبەتەن، كۆپ قىسىم ئەرلەر تاماق مىقدارىنى ئازايتىپ ئۇرۇقلاشنى تاللىمايدۇ. ۇشڭا ئادەتتە، تاماقتا ئېغىزىمىزنى كونتىرول قىلىپ، يىمەكلىكنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلساقلا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى، يەنىلا ھەرىكەتلىنىپ چېنىقشتۇر. بۇنىڭدا ئۇرۇقلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئادەتتە ئارغامچا سەكرەش، سۇ ئۈزۈش، يۈگرەش، تىز مېڭىش، ۋەلىسپىت مىنىش قاتارلىق چېنىقىش تۈرلىرىنى تاللىساق بولىدۇ. پەقەت بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ كىتەلىسەكلا، ئۇرۇقلاش مىنىڭچە تەسكە توختىمايدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号