ئەرلەرنىڭ قېرىپ كەتكەنلىكىنىڭ تۆت خىل ئىپادىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 46895:ئادەم ئۆگەندى
    قېرىپ كىتىش، ئىنسانلار ھاياتلىق مۇساپىسىدىكى، ساقلىنىپ قالغىلى بولمايدىغان بىر تۈرلۈك ئىش.
    نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم بۇنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن، بىراق، قېرىپ كىتىش يەنىلا  شەپىسىز ھالدا يىتىپ كىلىدۇ.
   ئادەتتە، ئەرلەر 33ياش ئەتراپىدا، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يىتىدىغان بولۇپ، 40ياشقا كىرگەندىن كىيىن، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئىقتىدارلىرى تەدرىجى تۈردە زەئىپلىشىشكە باشلاپ، بەدىنىدىكى ئەرلىك ھورمۇنىمۇ بارغانسىرى ئازلايدۇ؛ ئۇلارغا قېرىلىق يەتكەن بولىدۇ.
تەرەت قىلىشى تەسلىشىدۇ
    ئەرلەرنىڭ بەدىنىنىڭ قېرىشى، ئادەتتە ھەرقايسى ئەزالاردىن تەدرىجى ھالدا باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
   ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى، ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى ئاجىزلاپ كىتىدۇ؛ مەسىلەن، كىچىك تەرىتى بوش كىلىش، چوڭ تەرەت قىلىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
جىنىسي تۇرمۇشى ئازلايدۇ
   نۇرغۇن ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن، جىسمى چارچاپ چېكىگە يىتىدۇ؛ يەنە تېخى تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش، كىچىسى ئۇخلىماسلىق قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يىتىلدۈۋالىدۇ. بۇ ئەھۋال، ئۇلارنىڭ  فىزىلوگىيىسىدە توسالغۇ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنسى تۇرمۇش قېتىم سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئەرلەر 30ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ ئەڭ جانلىق ۋاقتى؛ ئوتتۇز ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، تەدرىجى تۈردە ئازلاپ، ئوتتۇرا ھىسابتا ھەپتىسىگە بىر ئىككى قېتىمغا كىلىپ قالىدۇ.
   بۇ ئەرلەرنىڭ قېرىپ كىتىشنىڭ تىپىك بىر  ئىپادىسى، ھەم يەنە كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئۇيقۇسى ناچارلاش
   ئۇيقۇسى قېچىش، قېرىشقا باشلىغانلىقنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغان ئىپادىسى؛ كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق كەچمىشى بار بولۇپ، بۇ كىسەللىككە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
   بىراق، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇ ياخشى بولالمىسا(ئۇخلىمىقى تەس، كۆپ چۈش كۆرۈپ ئاسان ئويغىنىپ كىتىدىغان، بالدۇر ئويغىنىپ كىتىدىغان قاتارلىق )، چوڭ مىڭنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا ھەم تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئەگەر بىر ئەركىشى بېشىنى ياستۇققا قويغاندىن كىيىن ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا چوڭ مىڭىسىنىڭ قېرىپ كىتىشىدىن ئىھتىيات قىلمىقى كىرەك.
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر ياشقا كىرگەندىن كىيىن، نىرۋا ھۈجەيرىلىرى كۈندە ئونمىڭدىن بولغان سۈرئەتتە ئازىيىپ مېڭىپ، چوڭ مىڭىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئەرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەرلەرنىڭ  قېرىپ كىتىش سۈرئىتىنى تىزلىتىۋىتىدۇ.
چاچ چۈشۈش ئېغىرلىشىدۇ
   ئادەتتە، ھەربىر ئادەمنىڭ ھەركۈنى 100-70تال چېچى چۈشىدۇ. بىراق، ئەگەر بىر بۆلەك مەزگىل ئىچىدە ئىزچىل تۈردە چېچى چۈشۈپ كەتسە، ھەمدە كۈندە 100تالدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ بەلكىم بەدەننىڭ زەئىپلىشىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
   چۈنكى، ئەرلەر ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈشى بەلگىلىك تۆۋەنلەيدۇ ھەمدە چاچقا تۇلۇق يەتكۈزۈپ بىرەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، تەبىئىيلا چاچ چۈشۈش ئېغىرلاپ كىتىدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号