ئىجتىمائى ئالاقە جەريانىدا، بىز قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەك؛ پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقى ياخشى بولغاندىلا، ئاندىن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئەرزىيدىغان بولۇپ، بۇنىڭدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. ئەكىسچە، ئادىمىيلىك ئەخلاقى ناچار كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، بىزگە تۈگىمەس ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئادەتتە، بىر ئادەمنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا، ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. پىسخىلوگلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆۋەندىكى تۆت خىل سۆزلەرنى قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقى ناچار كىلىدىغان بولۇپ، چوڭقۇر مۇناسىۋەت باغلاشقا ئەرزىمەيدۇ.

باشقىلارنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلدىغانلار
بۇ خىل ئەرلەر كىشىنىڭ ئالدىدا بىر خىل كەينىدە بىر خىل گەپ قىلىدىغان بولۇپ، باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. ئۇلار تىپىك كەلگەن نەيرەڭۋاز كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغنى، ئارىغا سۇغۇقچىلىق سېلىپ، ئۆزى سۇ لېيىتىپ بېلىق تۇتۇشتۇر. مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر پەسكەش ئادەمنى ئۇچراتقان؛ ئۇ كۆرۈنۈشتە ھەممە ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەمىشە كىمنى كۆرسە شۇنى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، ئۇ ئادەمنىڭ كەينىدە يامان گېپىنى قىلىدىغان بولۇپ، ھەممە ئادەمنى ئۇنداق بولمايدۇ بۇنداق ياخشى ئەمەس دەپ غەيۋەت قىلىپ چىقىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك باشقىلارنىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈشكە ئۇرىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر بىلەن ھەرگىز دوستلىشىشقا بولمايدۇ.

ئارىغا سۇغۇقچىلىق سالىدىغان گەپلەرنى قىلىدىغانلار
بەزى ئەرلەر باشقىلارنىڭ ياخشى ئۆتىشىگە چىدىماي، ھەمىشە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئازابى ئۈستىگە قۇرماقچى بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە نىسبەتەن، باشقىلار ئازاپ تارتقاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ بەختىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ياكى ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەكچى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق باشقىلارنى ئازاپقا قويۇپ ئۆز مەقسىتىگە يىتىشنى ئويلايدۇ.

كوچىلاپ گەپ سورايدىغانلار
بەزى ئەرلەر، باشقىلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى قاتارلىق مەخپىيەتلىكىگە ئىنتايىن بەك قىزىقىدىغان بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەرقانداق ئىشنى كوچىلاپ سوراپ بىلگىسى كىلىدۇ. ئەگەر مۇنداقلا سوراپ ئۆتۈپ كەتسىغۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ؛ بىراق بۇ خىلدىكى كىشىلەر، قارشى تەرەپنىڭ كەينىگە كىرىشىۋالىدۇ. ئادەتتە بۇنداق كىشىلەرنىڭ نىيىتىنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، باشقىلارغا ياخشىلىق بولسا ئۇلار ھەسەت قىلىپ ئۆچلۈك قىلىدۇ؛ ئەگەر باشقىلار ناچار ئەھۋالغا قارىسا، ئۇلار يەنە ئېچىشقان يەرگە تۇز سېپىپ، يامان ئىشنى تېخىمۇ يامانغا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ ھەمدە پۈتۈن خەلقى ئالەمگە يېيىپ، ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدۇ.

ھەمىشە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغانلار
ھەمىشە سىزگە ھەرخىل ۋەدىلەرنى بىرىپ، ئاخىرىدا ھېچقايسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ئادەمنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇپ كىتىشى ناتايىن. چۈنكى، بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىزگە ۋەدە بىرىشى، پەقەت سىزگە خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن ياكى سىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىن سەمىمىيىتى بولۇشى ناتايىن. ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بىر ئەركىشى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتسىڭىز، سىز چوقۇم ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا قالىسىز؛ چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ھەر ۋاقىت ئىشنى بۇزۇپلا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكىۋىلىپلا قالماي، يەنە سىزنىڭمۇ ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەم بولۇشتا، ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەت ھەمىمىدىن مۇھىم؛ ئەگەر ئىشەنچىسىز ئادەم بىلەن كۆپ ئالاقە قىلسىڭىز، چوقۇم ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلالماي ئۆتىسىز.