ساغلام بەدەن ھەممىدىن مۇھىم؛ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەلكىم خىزمەت، ئۆگىنىش، ئائىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى بېسىم تۈپەيلىدىن، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئادەتتىكى ئاسراش قىلىشلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەرلەردە ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان مەزى بېزى ياللۇغى؛ بۇ كىسەللىك قارىماققا ئاددىيدەك قىلغىنى بىلەن، ئەمما ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىقىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىك، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى بولۇپ، ئەرلەر دائىم يەپ بەرگەندە، مەزى بېزى ياللۇغى ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كىتىدۇ.

سامساق
سامساق ئەلمىساقتىن تارتىپ ساغلاملىققا پايدىلىق كۈتۈنۈش يىمەكلىكى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن. سامساقنىڭ تەم تەڭشەش رولىدىن باشقا، دورىلىق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، سامساق باكتىرىيە مىكروپلارنى يوقىتالايدىغان بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار ماددىلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، سامساق يەپ بىرىشنىڭ، مەزى بېزى ياللۇغىغا قارىتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار.

ئارپا زەمبۇرۇغى(麦芽菌)
ئارپا زەمبۇرۇغى، ئارپىدىن ياسالغان بىر خىل زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يىمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئارپا زەمبۇرۇغى تەركىبىدە ۋىيتامىن E ۋە سىنىك مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئەگەر ئەرلەر كۈندە ۋىيتامىن E تۇلۇقلاشتا چىڭ تۇرسا، مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20تۆۋەنلەيدۇ؛ ئەگەر ھەر كۈنى سىنىك قوبۇل قىلىشنى قەتئى داۋاملاشتۇرسا، مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %45تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئەرلەر ھەمىشە ئارپا زەمبۇرۇغى يەپ بەرسە، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ.

تۇخۇمەك گۈلى(槐花)
باھار پەسلىدە، تۇخۇمەك گۈلىنىڭ تەمى يىڭى ھەم ئۆزگىچە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى مەززىلىك قورۇما تائامىغا ئايلىنىدۇ. تۇخۇمەك گۈلى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە ھەرخىل مىنرالنى ئىلمىنتلار كۆپ بولۇپ، ئەرلەر ھەمىشە ئۇنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بۇندىن باشقا، چوڭ ئۈچەي راكى، مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش، راك كىسەللىكىنى داۋالىغاندىن كىيىنكى چوڭ تەرىتىدە قان كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر ۋە بىمارلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان دوستلار، تۇخۇمەك گۈلىنى كۆپرەك يەپ سىناپ باقسا بولىدۇ.