ئەرلەر بىر ئۆمۈر ئۇنتىيالمايدىغان ئۈچ خىل ئايال كىشى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 30815:ئادەم ئۆگەندى
   ھىسيات دۇنياسىدا، نىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقماقچى بولسا، مىنىڭچە مۇھەببەت ھەممىدىن مۇھىم؛ چۈنكى، بىزنىڭ تويلاشقان جۈپتىمىز، بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇپ ئۆتىدىغان ئادەمدۇر. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھىسيات گەەرچە چەكسىز قىممەتلىك بولسىمۇ، ئەمما بىزگە ھەمرا بولۇپ كۆپ قىسىم ئۆمرىمىزنى ئۆتكۈزىدىغان ئادەم، يەنىلا تويلاشقان جۈپتىمىزدۇر. ئەر كىشىلەرمۇ بىر ئۆمرىدە، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىگىلا چوڭقۇر مۇھەببىتىنى باغلايدىغان بولۇپ، ھەقىقى تۈردە ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالالايدىغىنى، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئايال كىشى بولىدۇ.
ئەر كىشىنىڭ ئەڭ قىيىن ۋاقىتىلىرىدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ئايال كىشى
    ھەر بىر ئادەم تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىشى مۇمكىن؛ بەزىدە ئۆزىمىز ھەل قىلىپ كىتەلەيمىز؛ ئەمما يەنە بەزىدە تاسادىبىي ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۆزىمىز ھەل قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كىلىپ قالىمىز. ئەر كىشى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، ئىچى پۇشۇپ كىتىدۇ، باشقىلاردىن ياردەم سوراشنىمۇ خالىمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر بىر ئايال كىشى ئۇنىڭغا ياردەملەشسە، ئۇنداقتا بۇ ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىيەلەيدۇ؛ مۇھەببەت شەكىللەنمىگەن تەقدىردىمۇ، ئارىدا چوڭقۇر مىھىر شەكىللىنىدۇ. ھەرقانداق بىر ئەر كىشى ئەڭ قىيىن ۋاقىتلاردا ئۆزىگە ياردەم قولىنى سۇنغان ئادەمنى، بولۇپمۇ ئايال كىشىنى مەڭگۈ ئىسىدىن چىقىرالمايدۇ.
گاڭگىراپ قالغان ۋاقىتلىرىدا يول كۆرسەتكەن ئاياللار
   ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ نىمە ئىش قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدىغان مەزگىللىرى كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق مەزگىلدە، ئادەم ناھايىتى بەك غېرىپلىق ھىس قىلىپ، يېنىدا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ كۆرۈلۈشىنى، ئۆزى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەرقانچە كۈچلۈك ئەر كىشىنىڭمۇ ئاجىز بولۇپ قالدىغان ۋاقىتلىرى بار بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر بىرەر ئايال كىشى ئۇلارغا چىقىش يولى كۆرسىتىپ بىرەلىسە، ئۇنداقتا بۇ ئەر كىشى ئۇ ئايال كىشىنى ئىزچىل ئىسىدىن چىقارمايدۇ؛ ئۇ ئايال كىشىنى دوستى، مۇئەللىمى قاتارىدا كۆرىدۇ، بەزىدە ھەتتا بۇ سەۋەپلىك مۇھەببەت شەكىللىنىشى مۇمكىن.
روھى چۈشكۈنلۈككە تولغان ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ يېنىدا ئايرىلىپ كەتمەي تۇرغان ئايال كىشى
    ئادەمنىڭ ھاياتلىقتا ئىزچىل تۈردە ئوڭۇشلۇق ئۆتەلىشى ناتايىن؛ بەزى ۋاقىتلاردا بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىق ۋە توسۇقلارغا دۇچ كىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاۋاراچىلىققا قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. مەسىلەن خىزمەت تاپالماسلىق، ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولۇش، مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولۇش قاتارلىقلار. ئەر كىشى بۇنداق ھاياتلىقىنىڭ تۆۋەن نوقتىسىغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆڭلىدىكى ئايال كىشىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر بىر ئايال كىشى بىر ئەر كىشىنىڭ بۇ خىل چۈشكۈنلەشكەن ھالىتىنى كۆرگەندىن كىيىن، يەنە ئۇنىڭ يېنىدىن كىتىپ قالماي تۇرالىسا، بۇنداق ئايال كىشىنى ئەر كىشى بىر ئۆمۈر ئىسىدىن چىقارمايدۇ.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号