ئەرلەرنىڭ قېرىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 29293:ئادەم ئۆگەندى
    ھەممە ئادەمنىڭ قېرىيدىغان ۋاقتى بولىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، قېرىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى ئاياللارنىڭكىگە ئازراق ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بەزىبىر ئاسان دىققەت قىلىنىپ كەتمەيدىغان نوقتىلاردا تېخىمۇ بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ئەرلەرنىڭ قېرىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەردىن قايسىلار بار؟
بىر ئاخشام ئۇيقۇسىز قالسا بىر ئايدا ئاندىن ئەسلىگە كىلىش
    نۇرغۇنلىغان ياشلارغا نىسبەتەن، كىچىسى ئۇخلىماسلىق ئاساسى جەھەتتىن نورمال بىر ئەھۋال بولۇپ قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشلار ئالدىنقى كۈنى بىرەر ئاخشام ئۇيقۇسىز قالسىمۇ، ئىككىنچى كۈنى يەنىلا روھى جۇشقۇن ھالەتنى ساقلىيالايدىغان بولۇپ، بىرەر بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ.
    بىراق قېرىشقا باشلىغاندىن كىيىن، ئاساسى جەھەتتىن كىچىسى ئۇيقۇسىز قېلىشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىرەر ئاخشام ئۇيقۇسىز قالسا، ئىككىنچى كۈنى كاللىسى ئىسىلىپ كۆزلىرى قۇرغاقلىشىپ كىتىدۇ، ھەمىشە بەدىنى شۇنداق بىئارام ھىس قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ، ھەتتا بىرەر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئەسلىگە كىلەلەيدۇ؛ ياشقا چوڭراق بولسا، تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن ئەسلىگە كىلىدۇ.
پۇتلىرى ئاسانلا قايرىلىپ كىتىش
    نۇرغۇنلىغان قېرىشقا باشلىغان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۈرۈنەرلىك بولغان ئالامەتلەرنىڭ بىرسى، سۆڭەك مەسىلىسى بولۇپ، سۆڭەك شالاڭشىش مەسىلىسى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. مەسىلەن پۇتى ئازراق قايرىلىپ كەتسە، ياشلارغا نىسبەتەن بۇ ئاددىيلا بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ؛ بىراق قېرىشقا باشلىغان كىشىلەرگە قارىتا، ئۇلار ئازراقلا مايماق دەسسەپ بەرسە، پۇتلىرى دەرھال ئىششىپ، بەزىدە ھەتتا يولمۇ ماڭالمايدىغان ياكى ھوشۇق بوغۇمى چىقىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ، سۆڭەك سۈپىتىنىڭ ناچارلاپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، سۆڭەك شالاڭشىش ئېغىرلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ خىل ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
ئۇيقۇسى ناچارلىشىشقا باشلاش
   ياشلار قەيەردە ئۇخلىغۇسى بولسا، شۇ يەردە يېتىپلا ئۇيقۇغا كىتەلەيدۇ؛ بىراق قېرىشقا باشلىغان كىشىلەر ئۇنداق قىلالمايدىغان بولۇپ، چارچىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئاخشىمى بالدۇرلا چارچاپ قالىدىغان، ئەتىگىنى بولسا سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بولسا، دەل قېرىشقا باشلىغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
كىتىك تەرەت قىستاپ كىلىش، كۆپ كىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ
   ياشقا چوڭايغان ئادەملەرنىڭ فىزىلوگىيىلىك سېستىمىسى ئاستا-ئاستا قېرىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردا كىچىك تەرەت قىيىنلىشىش، قېتىم سانى كۆپ بولۇش ۋە قىستاپ كىلىش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر قېرىشقا باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号