بۇ خىل ئەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ئىقتىدارى ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 30709:ئادەم ئۆگەندى
    ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەر-خوتۇنلار تىز سۈرئەتتە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولۇشقا ئالدىرايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر، ھامىلدار بولۇش بولماسلىق ئاياللارغا باغلىق دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ مۇھىتى ۋە بەدەن سۈپىتىنىڭ ياخشى يامانلىقى، ھەيىز كىلىشنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكى، ئايال تەرەپنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ بىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ھامىلدار بولۇش جەريانىدا، ئەرلەنىڭ رولىنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ؛ ھامىيلىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ سۈپىتىنى، ئىسپىرما بىلەن تۇخۇم ئورتاق بەلگىلەيدۇ.
    ئەگەر ئەرلەرنىڭ ئسىپىرمىسى زىچلىقى يۇقىرى، جانلىق، ھاياتى كۈچ كۈچلۈك بولسا، ئۇنداقتا بۇ، ئىسپىرمىنىڭ سۈپىتىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ، ئايال تەرەپنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئەگەر ئىسپىرمىنىڭ "سۈپىتىنىڭ" قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساق، كەسپى ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ھاجەتسىز؛ چۈنكى، ئىسپىرما سۈپىتى يۇقىرى بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
ئاساسى جەھەتتىن كىسەل بولۇپ قالمايدۇ
   ھازىر نۇرغۇن ئەرلەر خىزمەت ئالدىراشچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇزۇن مەزگىل ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانماي ئۆتىدۇ؛ بۇنىڭغا ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھەرخىل مىھماندارچىلىقلار قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا بەزىبىر كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ھەمدە توختىماي دورا ئىچىپ ئۇكۇل ئۇرغۇزىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەرلەرنىڭ ئسىپىرمسىنىڭ سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەكسىچە، جىسمانى جەھەتتىن قاۋۇل كەلگەن، ئادەتتە ئاساسى جەھەتتىن كىسەل بولمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى كىلىدۇ.
ھەمىشە بەدەن چېنىقتۇرىدۇ
   تۇرمۇشنىڭ بېسىمى، نۇرغۇن ئەرلەرنى، تېخىمۇ كۆپ زىھنىنى خىزمەت ۋە مىھماندارچىلىققا سەرپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، چېنىقىشقا ئىتىبار بىرىپ بولالمايدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ بەدەن مىتابولىزىمىز بىنورماللىشىپ، ئىسپىرما سۈپىتى ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئادەتتە ساغلام كىلىدۇ، سىرتقى مۇھىتتىن كەلگەن كىسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ؛ بۇنداق ئەلەرنىڭ ئىسىپىرما سۈپىتى نىسبەتەن يۇقىرى كىلىدۇ.
تۇرمۇش ئادىتى ياخشى
   ئەگەر ئەر كىشى ھاراق-تاماكىدىن نېرى تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئىسپىرما سۈپىتى ئادەتتە ئىنتايىن يۇقىرى كىلىدۇ. چۈنكى، ئىسپىرۋ بىلەن نىكوتىن، ئىسپىرمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەتتا ئۈلۈك ئىسپىرما ياكى تۇغماسلىق ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ياش جەھەتتە كۆپىيىش مەزگىلى يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇش
    نۇپۇزلۇق سانلىق سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئىسپىرما سۈپىتى ئەڭ ياىشى بولىدىغان ياش مەزگىلى، 35-30ياش ئارلىقىدا بولغان بەش يىل ئىكەن؛ چۈنكى بۇ مەزگىلدە، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى تۇلۇق يىتىلىپ بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدە ئەرلەرنىڭ بەدەن ساپاسىمۇ ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئالتۇن مەزگىلدە تۇرغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن، ئەرلەر 35-30ياش ئارلىقىدا، ئاياللار 33-28ياش ئارلىقىدا بولسا ئەڭ ياخشى بولۇپ،بۇ ياش مەزگىلىدە ھامىلدار بولۇپ تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ "سۈپىتىمۇ" ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەر، ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئايال تەرەپمۇ، ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە، بالىياتقۇنى ئاسراش، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كىرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ روھى ھالىتىنىڭ، ھامىلدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号