بۆرەك ئاجىزلاشقانمۇ يوق، بۇ نوقتىلاردىن بىلەلەيسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 37781:ئادەم ئۆگەندى
    بىز ھەمىشە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ بۆرەك ئاجىزلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئاڭلايمىز؛ ئەمىلىيەتتە، بۆرەك ئاجىزلىق بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، روھى كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كىتىش، بەل-تىزى سىقىراپ ئاغرىش، كۆپ تەرلەش ۋە چۈش كۆرۈش، پۇت-قوللىرى مۇزلاش، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كىتىش، ئاياللاردىكى ھەيىز مىقدارى ئازلاپ كىتىش ياكى ئۈزۈلۈپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ.
    ئادەتتە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگە تۆۋەندىكى نوقتىلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىز ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
1. چوڭ-كىچىك تەرەت
    چوڭ-كىچىك تەرەت راۋان ۋە نورمال بولۇش، قەۋزىيەت، سۈيدۈك تامچىلاش قاتارلىق ئەھۋاللار بولماسلىق.
2. بەل
    بەل ماغدۇرى بار كىلىش، سىقىراپ ئاغرىيدىغان ئەھۋاللار بولماسلىق
3. چاچ
    چېچى ساغلام ھالەتتە قارا ۋە پاقىراپ تۇرىدىغان بولۇش، چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەسلىك
4. ئاڭلاش سىزىمى
    ئاڭلاش سىزىمى مۇقىم ھەم نورمال بولۇش، قولاق غوڭۇلدايدىغان ياكى ئاڭلاش سىزىمى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەسلىك
5. چۈشكۈرۈش
    كۆپ چۈشكۈرمەسلىك؛ بەزى كىشىلەر زۇكام بولۇپ قالمىغان تۇرۇپمۇ ھەمىشە سەۋەپسىزلا چۈشكۈرۈپ كىتىدۇ، بۇنداق كىشىلەر دىققەت قىلىشى لازىم.
6. تىرە
    تىرە نورمال ساغلام ھالەتتە بولۇش، يەنى پاقىراق، مەڭزىلىرى قىزىل كىلىش، تىرە سارغىيىپ ئۆڭۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولماسلىق.
7. روھى ھالىتى
    كۈندۈزلىرى روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇش، كىچىسى ئۇيقۇسى سۈپەتلىك ياخشى بولۇش
8. بەدىنى ھارارەتلىك بولۇش
    پۇت-قوللىرى ھارارىتى بار ئىسسىق ھالەتتە بولۇش، پۇت-قوللىرى ئۇزۇن ۋاقىت مۇزلاپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەسلىك ياكى ناھايىتى ئاز كۆرۈلۈش.
9. روھى كەيپىياتى
    كۆڭلىنى تىنچ تۇتالايدىغان بولۇش، سەۋەپسىز يۈرىكى سېلىپ تەشۋىشلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەسلىك ياكى كۆپ كۆرۈلمەسلىك.

ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئاشقازان راكىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش!!!

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە

دادا بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان 5 ئۆزگىرىش

ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن

چېنىقىشتىكى يېڭى مودا - پەلەمپەيدىن چىقىش

ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10

ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلار

تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەت قىلىدىغان 10 ئاددىي غىزا

تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号