شىنخۇا تورى خەۋىرى، يېقىنقى كۈنلەردە « IT چى (IT كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى) ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز پەرزەنتلىك بولىدىكەن» دەيدىغان پاراڭ ھەرقايسى تور -مۇنبەرلەردە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر « بالا مەيلى ئوغۇل بولسۇن ۋە ياكى قىز بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش ...» دېگەن قاراشتا بولسىمۇ، يەنىلا بەزى IT چى ئەرلەرنى غەم-قايغۇغا سېلىپ قويغان. كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە تېخى بۇ خىل قاراشنى ئىسپاتلىغۇدەك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، «IT» سۆزى ئېنگلىزچە ئۇچۇر-تور تېخنىكىسى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال، ئىنتېرنېت تورى، ئۇچۇر سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يەردىكى «IT چى ئەر» دەل تور ئىنژېنېرى، كومپيۇتېر رېمنونتچىسى، سانلىق ئۇچۇر باشقۇرغۇچى، ئويۇن پروگراممېر ... قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىكەن.
مۇشۇ ساھەدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەردە، كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسى ئەرلەردىكى ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇللۇق جىنسىنى بەلگىلىگۈچى Y خروموسومنى زەخىملەندۈرىدۇ. شۇڭا، IT چى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ، دەيدىغان قاراش مەۋجۇدكەن. دەرۋەقە، بۇندىن بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىمىزمۇ مۇشۇ خىل قاراشقا يېقىن ھالدا « كومپيۇتېر ئەرلەرنىڭ دۈشمىنىمۇ؟ » ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىختىيارى تەكشۈرۈش
مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئۇزاق مۇددەت كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلەشكۈچى 16 نەپەر ئەرنىڭ ئىچىدە 11 نەپىرى قىز پەرزەنتلىك بولغان، 5 نەپىرى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان. مەلۇم IT كارخانىسىدىكى 2 نەپەر ئەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، يەنە كېلىپ بىرىنىڭ بىرجۈپ قوشكېزەك ئوغۇل ئىكەن. يەنە بىر IT شىركىتىدە بولسا 4 نەپەر ئەرنىڭ 3 نەپىرى ئوغۇل پەرزەنتلىك، 1 نەپىرى قىز پەرزەنتلىك بولغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «IT چى ئەرلەر قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ...» دېگەن قاراش ھەققىدىكى بايانلىرىغا قىزىقسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号