ئاياللارنىڭ رەڭگى رويى نىمىشقا ئاسانلا ئۆڭۈپ تاتىرىپ قالىدۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9333:ئادەم ئۆگەندى
    سىزنىڭ رەڭگى-رويىڭىز نىمىشقا ھەمىشە باشقىلارنىڭكىدىن ناچار كۆرۈنىدۇ؟ بەزى ئاياللار گىرىم قىلمىسىمۇ چىرايى شۇنداق نۇرلۇق تۇرىدۇ، ئەمما بەزى ئاياللار قېنىق گىرىم قىلغاندىلا ئاندىن چىرايىنى "ياساندۇرالايدۇ"، بولمىسا چىرايى سارغىيىپ ياكى ئۆڭۈپ تاتىرىپ، كىسەل ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشاپ قالىدۇ.
    ئۇنداقتا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپ زادى نىمە؟ ئەمىلىيەتتە، سىزنىڭ چىرايىڭىزنىڭ ئۆڭۈپ تاتىرىپ، باشقىلارنىڭكىدىن ناچار كۆرۈنۈشى، سىزدە بۇ ئۈچ خىل نەرسىنىڭ كەم بولغانلىقىدىن بولىدۇ.
1. ۋىيتامىن كەمچىل
    ئەگەر تىرەم ۋە رەڭگى-رويىم ياخشى بولسۇن دىسەك، ۋىيتامىن كەمچىل بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، ۋىيتامىن C؛ نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ، ۋىيتامىن C كەمچىل بولسا، ئادەمنىڭ تىرىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى قۇرغاق ھەم قولاش كۆرۈنىدۇ؛ ئەگەر ۋىيتامىن B كەمچىل بولسا، چىراي قىسمىمىزدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ چوڭىيىپ كىتىشى ۋە مايلىق بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ھەتتا ماي تەپچىش خارەكتىرىدىكى تىرە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. مىكرو ئىلمىنتلار
    كەمچىلئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم بولغان مىكرو ئىلمىنىت بولسا تۆمۈر ماددىسىدۇر؛ چۈنكى ئەگەر تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، چىراي ئاقىرىپ تاتىرىپ قېلىش، ھەيىز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللار قان ماغدۇرغا تايىنىپ ئۆرە تۇرىدىغان جانلىق، شۇڭا ئەگەر قان ماغدۇر يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ بولغۇچە، ئاياللارنىڭ چىرايى شۇھامان ئۆزگىرىپ، ئۆڭۈپ تاتىرىپ كىتىدۇ.
3. ئۇزۇقلۇق تالا ماددىسىنى قوبۇل قىلىش كەمچىل
    ئەگەر ئادەم بەدىنىدە تالا ماددىسى كەمچىل بولسا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشى ناھايىتى ئاستىلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا بەدەندىكى ئەخلەتلەرنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشى تەسكە توختايدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىدىكى ساقلاندۇق چوڭ تەرەت ۋە زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيپ كەتسە، ئۇنداقتا ئادەمنىڭ رەڭگى-رويى ناچارلىشىپ، چىرايىغا دانىخورەك چىقىشقا ۋە داغ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغىمۇ ياخشى بولمايدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، تالا ماددىسى بەدەندىكى ئارتۇق ماي تەركىبىنى بەدەن سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كىتەلەيدىغان بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ كۈندىلىك تالا ماددىسى قوبۇل قىلىش مىقدارىڭىز يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا سېمىزلىك، ئاشقازان-ئۈچەيدىكى ماي قەۋىتى قېلىنلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ياخشى تىرە رەڭگىنى ساقلايمەن دىسىڭىز، مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ ۋىيتامىن تۇلۇقلىشىڭىز، تۆمۈر ماددىسى تەركىبى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن چىلان دىگەنلەرگە ئوخشاش يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، قان ماغدۇر تۇلۇقلىشىڭىز زۈرۈردۇر.
    ئەڭ ئاخىرىدا تۇلۇقلاپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان بىر نوقتا بولسا، ياخشى تىرە رەڭگىگە ئىگە بولىمەن دىسىڭىز، يۇقىردا سۆزلەنگەن تەرەپلەردىن باشقا، يەنە ئۇيقۇنىڭمۇ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كىرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号