ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە بەلگىلىك پەرھىز تۇتۇشى كىرەك بولىدۇ، ئەمما يەنە ئۇزۇقلۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك. ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىمۇ كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ۋىيتامىنلىق ماددىلارنى تولۇقلىمىقى زۈرۈردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ئەسلىدىنلا بەلگىلىك دەرىجىدە ھامىيلىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار، ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك مىۋە ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ، ھامىلدار ئاياللار بۇ خىل ھامىيلىگە زور پايدىلىق بولغان مىۋىلەرنى يىيىشكە كۆزى قىيماي قالماسلىقى كىرەك.

1. ئالما
ئالما ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كۈندە بىر ئالما يەپ بەرسە، ئادەم دوختۇرلاردىن يېراقلاشقىلى بولىدۇ دىگەن قاراش بار ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئالما تەركىبىدە ۋىيتامىنلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن مول؛ بولۇپمۇ ئىنچىكە تالا ماددىسى مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھامىيلىنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كىيىنكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بۇندىن باشقا، تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئالمىنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلسا، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن زىققا كىسىلى بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

2. گىلاس(樱桃)
يېزا-قىشلاقلاردا، بەزى چوڭ ياشتىكىلەر، ھامىلدار ئاياللار گىلاس يىسە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ؛ چۈنكى گىلاس تەركىبىدە ئىسپىرتقا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ ماددىنىڭ ھامىيلىنىڭ نىرۋىسىنى غىدىقلاپ، ھامىيلە چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن. ئەمىلىيەتتە بولسا، ھامىلدار ئاياللار گىلاس ئىستىمال قىلسا بولىدۇ، ئەمما مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك، كۆپ ئىستىمال قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان ئازلىق كىسىلى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ۋە ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم؛ بىراق گىلاس تەركىبىدە تۆمۈر ئىلمىنتى مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھامىلدار ئاياللاردىكى بۇ خىل قان ئازلىق كىسىلىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ياخشىلايدۇ؛ شۇڭا، دائىم گىلاس يەپ بەرگەندە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

3. مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)
مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە، ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بىر قەدەر مول؛ ھامىلدار ئاياللار مايمۇن شاپتۇلى ئسىتىمال قىلغاندا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۆزىگە ۋە ھامىيلىگە كىرەكلىك بولغان ئۇزۇقلۇقنى تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ ئىممونت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، كىسەللىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە، تۇغۇتتىن كىيىنكى يارا ئېغىزىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئازابىدىنى يىنىكلىتىدۇ. بۇندىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلىنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلغاندا، ھامىلدار ئاياللاردا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەشۋىشلىنىش ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلىشىش كۆرۈلۈشنى ئازايتىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ پىسخىكىسى ۋە كەيپىياتىنى تەڭشەشكە زور پايدىلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ؛ شۇڭا ھامىلدار ئاياللار مايمۇن شاپتۇلى ئىستىمال قىلىشقا كۆزى قىيماي قالماسلىقى كىرەك.

قىش پەسلىدە، يۇقارقى مىۋىلەر ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ، ھامىلدار ئاياللار ئىستىمال قىلىشقا كۆزى قىيماي قالماسلىقى كىرەك. بۇندىن باشقا، قىش پەسلىدە ھاۋا سۇغۇق ھەم قۇرغاق؛ شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئىسسىقلىق ساقلاشقا ۋە سۇ تەركىبى تۇلۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.