ھەممىلا ئادەمنىڭ بەدەن شەكلى دەرىجىدىن تاشقىرى كىيىم مودىللىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئېگىز ئەمەس؛ ئەكسىچە، بويى نىسبەتەن پاكار خانىم-قىزلىرىمىز كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. بويى نىسبەتەن پاكار كەلگەن قىزلارغا نىسبەتەن، يازنىڭ كۈنى مودا كىيىنىپ يۈرسەك كۆپ بىلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما قىشنىڭ كۈنى قېلىن كىيىملەرگە ئورىنىۋالغان ۋاقتىمىزدا، يۆگەپ قويۇلغان زۇڭزىغا ئوخشاپ قېلىپ، لاتاپىتىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. ئۇنداقتا بويى نىسبەتەن پاكار قىزلار، قىشنىڭ كۈنلىرى قانداق كىيىنگەندە ئاندىن لاتاپىتىمىزنى يوقتىپ قويمايمىز؟
ئەگەر سىز خرۇم ياكى قاما كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا خرۇم چاپان ياكى قاما چاپان بىلەن لابا ئىشتاننى ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز ھەم ئېگىز ھەم ئۇرۇق كۆرۈنىسىز. خۇددى ئۈستىدىكى رەسىمگە ئوخشاش، سۇغۇق ھىس قىلسىڭىز، ئىچىگە پوپايكا قوشۇپ كىيىۋالسىڭىز، ئۇنىڭغا يەنە ماسلاشتۇرۇپ لابا ئىشتان كېيسىڭىز، ئازراق سېمىز بولسىڭىزمۇ، يەنىلا ناھايىتى گۈزەل بولۇپ كىتىسىز.
ياكى ئۈستىدىكى سۈرەتكە ئوخشاش، ئىچىگە ئوخشاشلا خرۇم ياكى قاما پوپايكا ياكى جىلىتكە كىيىپ، بۇنىڭغا قارا رەڭلىك ئايىغى تار ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز، شۇ ھامانلا يۇقىرى قاتلاملىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، باشقىلارغا ئىنتايىن چوڭ سۈپەت تەسىر بىرىسىز.
ئەگەر سىز پەلتۇ كىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا پەلتۇنىڭ ئىچىگە پوپايكا كىيىپ، بۇنىڭغا يوپكىدىن بىرنى ماسلاشتۇرسىڭىز، ياكى پەلتۇنىڭ ئىچىگە پوپايكا نۇسخىسىدىكى توقۇلما ئۇزۇن كۆينەك ماسلاشتۇرۇپ كېيسىڭىز، سۇغۇققىمۇ توڭۇپ قالمايسىز ھەمدە ئىنتايىن مودا كۆرۈنىسىز. بىراق بۇنىڭدا ئىچىگە ماسلاشتۇرىدىغان يوپكا، ئۇزۇن كۆينەك ۋە پوپايكىلارنىڭ رەڭگىنى تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.
يۇقارقى رەسىمدىكى پەلتولارمۇ يامان ئەمەس تاللاش بولۇپ، كاتەكچە پەلتۇنىڭ ئىچىگە ئۇزۇنراق پوپايكا كىيىپ، بۇنىڭغا ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك ماسلاشتۇرسىڭىز ياكى قارا رەڭلىك پەلتۇنىڭ ئىچىگە قارا رەڭلىك ئۇزۇن پوپايكا كىيىپ، بۇنىڭغا ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك ماسلاشتۇرسىڭىز، ئوخشاشلا ئىنتايىن چىرايلىق ھەم لاتاپەتلىك بولۇپ كىتىسىز.
قىسقا پاسوندىكى چاپان كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارغا نىسبەتەن، ئەگەر سىز نىسبەتەن ئۇرۇق بولسىڭىز، يۇقىرى رەسىمدىكى بىرىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە، كۆك رەڭلىك قىسقا چاپان بىلەن ئوخشاش رەڭلىك پوپايكا كىيىپ، پۇت قىسمىڭىزغا خرۇم ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالسىڭىز ياكى قارا رەڭلىك ئايىغى تار ئىشتان كېيسىڭىز، سېمىز كۆرۈنۈپ قالمايسىز؛ ئەگەر سىز نىسبەتەن سېمىزرەك بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۈستىدىكى رەسىمدىكى ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بويىچە ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالسىڭىز بولىدۇ.