ئىرى بار ئاياللار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى قىلماسلىقى كىرەك!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9767:ئادەم ئۆگەندى
    1. باشقىلارنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى باھالىماڭ، چۈنكى باشقىلار سىنىڭ قازان-قۇمۇچىڭىزنى چېقىۋەتمىگەن.
    2. باشقىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالىماڭ، چۈنكى سىزنىڭ ئۇنىڭدىن بەك ئالىجاناپ بولۇپ كىتىشىڭىز ناتايىن.
    3. باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى باھالىماڭ، چۈنكى ئۇنىڭ سىز بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق.
    4. باشقىلارنىڭ ئىلىم سەۋيىسىنى باھالىماڭ، چۈنكى دۇنيادا ئەڭ كەمچىل بولمىغىنى بىلىمدۇر.
    5. ھەرقانداق ئادەمنى باھالىماڭ، ئۇ ھەتتا سىز ئەڭ كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەم بولسىمۇ.
    6. قالايمىقان پۇل خەجلىمەڭ، چۈنكى سىز ئەتە خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
    7. ھەددىدىن زىيادە كۆرەڭلەپ كەتمەڭ، چۈنكى سىز ئەتە ئەسلىدىكى كۈچ تەسىرىڭىزنى يوقىتىپ قويىشىڭىز مۇمكىن.
    8. بەك ھەددىڭىزدىن ئېشىپ يۇقىرى ماقامغا دەسسەپ كەتمەڭ، شۇنى بىلىشىڭىزكى ھېچقانداق ئادەم سىزدىن بەك ئاجىز بولۇپ كەتمەيدۇ. قىسقىسى، ھاياتلىقتا يەنىلا تۆۋەن ماقامدا ئادەم بولغان ياخشى.
    9. باشقىلارغا تايىنىۋالماڭ، چۈنكى تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، ھەممە ئادەمنىڭ ئازادىچىلىكتە ياشىغۇسى بار.
    10. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەڭ، چۈنكى سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ھامان سىزنىڭ بېشىڭىزغىمۇ كىلىدۇ.
   11. ئادەم بولۇشتا چۈشەندۈرمەسلىك، دانالارنىڭ تاللىشىدۇر. كىشىلىك ھاياتتا، بىز ھەمىشە بەزىبىر ئىشلارنى چۈشەندۈرۈش خىيالىدا بولىمىز. ئەمما چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، ھەرقانداق چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ شۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ھەتتا بەزىدە چۈشەندۈرگەنسىرى ئەكسىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ قويىمىز.
    تاغ ئۇنىڭ ئىگىزلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ھەيۋەد بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ دېڭىزلار ئۆزىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل مەۋجۇداتلارنى سىغدۇرىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ زىمىن ئۆزىنىڭ قانچىلىك قېلىنلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ، ئەمما ھېچكىم ياكى ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئورنىنى باسالمايدۇ... ھەرقانداق ئادەمنى تۆۋەن چاغلىماڭ، سىزنىڭ ئۇنچە كۆپ تاماشىبىنلىرىڭىز يوق، ئۆزىڭىزنى ئۇنچىلىك چارچىتىۋەتمەڭ.
    12. خالىغانچە ئاچچىقلانماڭ، ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس. گەرچە ھازىر ناھايىتى ئازاپ ھىس قىلسىڭىزمۇ، ئەمما بىر مەزگىلدىن كىيىن كەينىڭىزگە قارىسىڭىز، ئەمىلىيەتتە بۇ ئازاپلارنىڭ ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىسىز. بىز ھەمىشە تۇرمۇش بىزگە ئادالەتسىزلىك قىلدى دەپ ئاغرىنىمىز، ئەمما تۇرمۇش ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنىمۇ بىلمەيدۇ...
   13. كىمنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى، كىمنىڭ ساپاسىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ يۈرمەڭ، ساپا يىتىلدۈرۈش ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولۇپ، باشقىلار سىزنىڭ ئەينىكىڭىز بولسۇن؛ سىز بۇ ئەينەكتىن ئۆزىڭىزنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە، تېخىمۇ ساپالىق ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ.
ئاخىرقى سۆز
     ھاياتلىق قىسقىغىنا نەچچە ئون يىل بولىدۇ؛ خۇشال ئۆتسىڭىزمۇ بىر كۈن ئۆتىدۇ، ئازاپلىنىپ ئۆتسىڭىزمۇ يەنە شۇ بىر كۈن ئۆتىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قىيناپ ئولتۇرماي، كۈنلىرىڭىزنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈڭ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号