قىشتا پەلتو كېيگەندە، ئاياغنى قانداق ماسلاشتۇرۇش كىرەك؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8520:ئادەم ئۆگەندى
   ئاياغنى ماسلاشتۇرۇپ كەيگەندە، سىزنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە تېخى بوي ئېگىزلىك نىسبىتىڭىزنىمۇ تەڭشەپ، ئېگىزرەك كۆرۈنىدىغان ئۆنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا قىش  مەزگىلىدە، پەلتو كېيگەندە قايسى پاسوندىكى ئاياغلارنى ماسلاشتۇرۇش كىرەك؟
1. "بوۋايلار" ئايىغى
    يېقىندىن بىرى كىلاسسىكلىققا قايتىش ئېقىمى قوزغالغاندىن بويان، "بوۋايلار" ئايىغى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم مودا بولۇۋالدى. كۆپ قىسىم خانىم-قىزلىرىمىز بەلكىم بۇ خىل ئاياغنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن؛ بىراق سىز ئۇنىڭغا بىر قېتىم پۇرسەت بىرىپ، كىيىپ سىناپ باقسىڭىز، ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مودا بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز؛ چۈنكى ئاياغنىڭ ئېگىز كۆرسىتىن ئۈنۈمى خېلىلا كۈرنەرلىك بولۇپ، سىزنى ھەم ئېگىز ھەم مودا قىلىۋىتىدۇ.
2. چاسا پاشنىلىق پايپاق ئۆتۈك
    بۇ خىل ئۆتۈك كېيگەندە تولىمۇ راھەت بىلىنىدىغان بولۇپ، سىزدە يول ماڭالماي قالغاندەك تۇيغۇ بولمايدۇ. بۇندىن باشقا چاسا توم پاشنا ئادەمگە بىر خىل ئاددى ئەمما چوڭ سۈپەت تۇيغۇ بىرىدىغان بولۇپ، ئىنچىكە پاشنىغا قارىغاندا، بۇ يىلقى ئاددى گۈزەللىك ئېقىمىغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ. پايپاق ئۆتۈك بىلەن چاسا پاشنا بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ خىل ئۆتۈك، سىزنى ھەم ئۇرۇق ھەم ئېگىز كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قىش پەسىلدە پەلتوغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىشىڭىزگە ئەڭ ماس كىلىدۇ.
3. لېفۇ ئايىغى
    نۇرغۇن خانىم قىزلار لېفۇ ئايىغىنى يازدا كۆپ كىيىلىدىغان، قىشتا كىيىشكە ماس كەلمەيدىغان ئاياغ دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. لېفۇ ئايىغى ئۆتۈككە قارىغاندا قونجى پەسرەك بولۇپ، بۇ يىل دەل مۇشۇنداق پايپاقنى چىقىرىپ ئاياغ كىيىش مودا بولىۋاتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاياغنىڭ قونجى پەس بولغانلىقتىن، ئېگىز كۆرسىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، مودىدىنمۇ قالمايدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号