ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە قانداق ئاياللار ئەڭ نازاكەتلىك ھىسابلىنىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9133:ئادەم ئۆگەندى
    ئاياللار يېغىلىشىدا، ئەڭ كۆپ پاراڭلىشىدىغان مەزمۇن ئۈچ خىل تىمىدا بولىدۇ: ئەرلەر گۈزەللىك ۋە پۇل؛ ئەرلەرنىڭ يېغىلىشىدا بولسا، ئەڭ كۆپ پاراڭلىشىدىغان مەزمۇن بولسا "ئاياللار" تېمىسى بولىدۇ. "ئاياللار" تىمىسى شۇنچە يىللاردىن بىرى سۇسلىشىپ قالمىغان بولۇپ، يېغىلىش باشلىنىشىدا خىزمەت ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشسىمۇ، ئەمما پاراڭلاشقانسىرى يەنىلا ئاياللار تېمىسىغا يۆتكىلىپ كىتىدۇ.
   شۇنداق، ئەرلەرنىڭ پارىڭىدا، ئاياللار تېمىسى مەڭگۈ ھەممە ئەرلەر ئورتاق قىزىقىدىغان پاراڭ تېمىسىدۇر؛ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللارغا باھا بىرىش ئۆلچىمىنى، ئۆزىنىڭ قانداق تىپتىكى ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى، ئۆزىنىڭ قېشىدىكى ئايال كىشىنىڭ قانچىلىك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكى ۋە كىمنىڭ ئايالى تېخىمۇ جەلىپكار ئىكەنلىكى قاتارلىقلار توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ تېمىدىكى پاراڭغا كىرىپ چۈشۈپ كەتسە، ئۆزىنى توختىتالماي قالىدۇ.
    ئەرلەرنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن پاراڭلىرى ئارقىلىق، مەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل، ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ نازاكەتلىك ئاياللار تىپىنى خۇلاسىلاپ چىقتىم. ئۇقۇرمەنلىرىمىز كۆرۈپ، سىز ئىچىدىكى قايسى خىلدىكى ئاياللارنى ياخشى كۆرىسىز ياكى سىز قايسى خىلدىكى ئاياللارغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.
1. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قاراشلىرى بار بولغان "قابىلىيەتلىك" ئاياللار
     ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، كەسىپ جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىيەلەيدىغانلار ئەرلەر بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلى ئىقتىدارىغا تايىنىپ، چوڭ شىركەتلەرنىڭ باش دىرىكتۇرى، خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ ئىجرائىيە باش دىرىكتورى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا چىقتى. بۇنداق ئاياللار، مۇستەقىل كىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئوي-قاراشلىرى ۋە ئۆزىگە خاس ئىنتىلىشلىرى بار بولىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدىغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۇچۈن ئەرلەرنىڭ شىرىن-شىكەر سۆزلىرىدىن ئاسانلىقچە تەسىرلىنىپ قالمايدۇ ھەمدە ئۆزىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ قويمايدۇ؛ ئىشلەردا ئىنچىكە ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ؛ بۇنداق ئاياللار چىرايلىق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىلىدۇ ھەمدە تېپىشماققا ئوخشاش، كىشىگە بىلگىلى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.
2. چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىدىغان خىزمەتچى ئاياللار
    يەنە بىر خىل خىزمەتچى ئاياللار بار بولۇپ، ئۇلار بەلكىم كەسىپ جەھەتتە ئالدىنقى تىپتىكى ئاياللارغا ئوخشاش چوڭ نەتىجىلەرنى قازىنىپ كىتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئۆزىنى بېقىپ كىتىدۇ ھەمدە چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىدۇ. ئوخشاش بىر پاسۇندىكى ھەم ئوخشاش بىر خىل رەڭدىكى خىزمەت كىيىمى، ئۇلار كىيىۋالسا باشقىچە چىرايلىق ھەم ماسلىشىدىغان بولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرغۇدەك بولۇپ كىتىدۇ.
3. بىلىملىك ئاياللار
    بەزىلەر " ياخشى بىر ئايال كىشى كىتاپقا ئوخشايدۇ؛ ئۇنى ئوقۇغانلار ئۇنىڭ ئىچىدىن چوقۇم بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ" دەيدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاياللارنىڭ بىلىملىك بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ بۇنداق ئاياللار بەلكىم چىرايلىق بولماسلىقى مۇمكىن، نەتىجىگە ئىرىشكەن ئىگىلىكىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە قەيسەرلىكىگە تايىنىپ، ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئوخشىمىغان ئىپادىسى بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئەقلىي كۆرسەتكۈچى ۋە ھىسياتنى كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ تەڭقىسلىقىنى چۈشىنىدۇ، ھەر ئىشتا ئەلەرنى توغرا چۈشىنىپ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ؛ ئۇلار خۇددى "مەسلىھەتچى گۈل"گە ئوخشايدۇ، ئەرلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياشقا ئۇلاشقان ئەرلەر ئۆز يېنىدا بۇنداق بىر "مەسلىھەتچى گۈل" نىڭ بار بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنىڭ تەڭقىسلىقلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزى قىينچىلىق ياكى كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان تۈگۈنلەرگە ئۇچرىغاندا مەسلىھەت كۆرسىتىشىگە جىددى ئېھتىياجىلىق بولىدۇ.
4. تاماق ئىتىشنى بىلىدىغان ئاياللار
     بۇ يەردە تاماق ئىتىش ھەر خىل تائاملارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كەسكەن چۆپ ياكى بازاردىن تەييار سېتىۋالغان چۆچۈرە جۇۋاۋىلارنى پىشۇرۇشنى تاماق ئىتىشنى بىلىدۇ دىيىشكە بولمايدۇ. كونىلاردا "ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، ئاۋال ئۇنىڭ قورسىقىنى كەلتۈرۋىلىش كىرەك" دىگەن گەپ بار؛ سىز ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەر كىشى بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن ھېرىپ-چارچاپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، ئەگەر ئايالى قىزىق چاي دەملەپ، ئۇ ياخشى كۈرىدىغان ئىسىل تاماقلارنى تەييارلاپ ئۇنى كۈتىۋالسا، مىنىڭچە بۇنداق ئىسىل تۇرمۇشنىڭ قىزىقتۇرىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغان ئەرلەر ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号