ئاياللاردا مۇھەببەت كەمچىل بولسا...
ھىسيات دۇنياسىدا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاسانلا مۇھەببەت كەمچىل بولۇپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن ئادەملەر نىمىنىڭ مۇھەببەت كەمچىل بولۇشى ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنداقتا ئاياللاردىكى مۇھەببەت كەمچىل بولۇشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاياللاردا مۇھەببەت كەمچىل بولۇشى، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئاسرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېھتىياجلىق بولىشى بولۇپ، ئاياللاردىكى قىسقا مەزگىللىك مۇھەببەت كەمچىل بولۇشنىڭ ئىنىق ئىپادىلىرى بولمايدۇ؛ ئەمما ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت مۇھەببەت كەمچىل بولغاندا، بولۇپمۇ ئۇلار ئىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئىپادىسى ناھايىتى كۆرنەرلىك بولىدۇ.

1. ئىرىگە چاپلىشىۋالىدۇ.
مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەت كەمچىل بولغان بىر ئايال كىشى، ئىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئىرىگە چاپلىشىۋىلىپ قويۇپ بەرمەيدۇ. مەيلى ئىرى ئۇخلاپ ئارام ئالسۇن ياكى تاماق ئىتىپ باشقا ئىش قىلسۇن، بۇنداق ئاياللار ھەمىشە ئىرىنىڭ قېشىدا چاپلىشىپ تۇرۋالىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ بۇنداق ئايال كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت كەمچىل بولۇپلا قالماي، يەنە ئىرىنىڭ ئاسرىشى ۋە ھەمرا بولۇشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
چۈنكى مۇھەببەت دىگەن بۇ نەرسىگە كۆپىنچە ئاياللار بەك بىرىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرسە، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىرىنى بەكمۇ سېغىنىدۇ؛ بولۇپمۇ ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىرىنى كۆرەلمىسە، ئاياللارنىڭ بۇ خىل سېغىنىشى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

2. ئاياللار ئىرىدىن توختىماي قاقشاپ ئاغرىنىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەت كەمچىل بولغان ئاياللاردا بولىدىغان ئىپادىلەر، ئىرىگە چاپلىشىۋىلىشتىن باشقا يەنە قاقشاش ۋە ئاغرىنىش بولىدۇ. ئاياللار ئىرىنى كۆرەلمىگەن، ئىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىرىشەلمىگەن ئاشۇ كۈنلىرىدە دۇچ كەلگەن خاپىلىقلىرى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلىرى ھەققىدە ئىرىگە دەرت ئېيىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل قاقشاش ئاياللارنىڭ كوتۇلدىغىنى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىرىدىن تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەتكە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدۇر.
3. ئاياللارنىڭ مىجەزى تىرىككەك، قوپال بولۇپ قالىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەت كەمچىل بولغان ئاياللاردا ئىرىنى كۆرگەندىن كىيىن پەيدا بولىدىغان ئەڭ چوڭ بىر ئۆزگىرىش، مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولۇشتۇر. بۇنداق ئاياللار ئۇزۇن مۇددەت ئىرىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن، مىجەزى تىرىككەك ھەم قوپال بولۇپ قالىدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاچچىقلىنىپ كىتىدۇ. ئەگەر سىز يېقىندا ئۆزىڭىزدە بۇ خىلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىغان بولسىڭىز، بۇ تولىسى سىزدە مۇھەببەت كەمچىل بولۇپ قالغىنىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.