گۈزەل ئاياللارنىڭ ئەڭ يىڭى ئۆلچىمى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8378:ئادەم ئۆگەندى

   1. ھەركۈنى لاتاپەتلىك ھەم رەتلىك ياسىنىڭ، ئىشىكتىن چىقىشتىن ئاۋال ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزگە بىر كۈلۈمسىرەپ قويۇڭ.
   2. ئىككى قولىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ؛ قول ئاياللارنىڭ ئىككىنچى چىرايى، ئىشىكتىپ چىقىشتىن ئاۋال قولىڭىزغا قول ئاسراش مەلھىمى سۈرتىۋىلىشنى ھەمدە سىرتلاردا لازىم بولغان ئىشلىتىش ئۈچۈن قول ئاسراس مەلھىمىنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ.
   3. ھېچبولمىغاندا بىردىن ئىككىگىچە چېنىقىش كۇلۇبلىرىغا قاتنىشىڭ؛ بۇنىڭدا روھى كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىگىلى بولىدۇ ھەم بەدەن چېنىقتۇرالايسىز، چۈنكى دائىم ھەرىكەت قىلىش قېرىپ كىتىشنى كەينىگە سۈرەلەيدۇ.
   4. سىرداش دوستلىرىڭىزدىن بىر نەچچىسى بولسۇن؛ زىرىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۇلارنى ھەمرا بولۇشقا چاقىرسىڭىز بولىدۇ؛ بىللە سودا-سارايلارنى ئايلانساڭلار ياكى ئۆيدە بىللە تاماق ئىتىپ يەپ كۆڭلۈڭلاردىكى سۆزلەرنى دىيىشسەڭلار بولىدۇ.
   5. مۇزىكا ئاڭلىغاچ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ئادەتلىنىڭ؛ بۇنىڭدا ھارغىنلىق ھىس قىلمايسىز، يەنە بىر خىل ھۇزۇر ھىس قىلىسىز.
   6. كارۋات بېشىدا ئىزچىل بىرەر كىتاپ قويۇلغان بولسۇن؛ كىتاپ ئوقۇش ئادەمنىڭ تەپەككۇرىغا پايدىلىق، بۇندىن باشقا يەنە مىجەزنى تەڭشەپ، ھاياتلىقىڭىزنى ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
   7. ئۆزىڭىزنىڭ روھى كەيپىيات ھىكايىلىرىنى خاتىرلەپ قويۇڭ، ئۆزىڭىزگە تەسەللى بىرىڭ، ئۆزىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىڭ.
   8. بالىڭىز ئۈچۈن ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرسى يېزىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى ئىشلىرىنى خاتىرلەپ قويۇڭ؛ بۇنىڭدا ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن كۆرەلەيدۇ ھەمدە سىزنىڭ بالىنى تەربىيىلەش تەپەككۇرىڭىزنى رەتلىۋىلىشىڭىزغا، تەربىيىلەش ئۇسۇلىڭىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە پايدىسى بولىدۇ.
   9. بىكار ۋاقتىڭىزدا، ئاز-تولا ناخشا غىڭشىغاچ كىيىم ئىشكاپلىرىڭىزنى رەتلەپ قويۇڭ؛ كەيمەيدىغان كىيىملىرىڭىزنى كىيىشكە ماس كىلىدىغانلارغا بىرىۋىتىڭ.
   10. ئاندا-ساندا، ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبتىكى ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان كىيىملەرنى سېتىۋىلىپ، روھى كەيپىياتىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ، باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇڭ.
   11. بەدەن ئېغىرلىغىڭىزنى ياخشى كونتىرول قىلىڭ؛ نەپىس تاللانغان تائاملارنى يەڭ ھەمدە ئۆزىڭىز تاماق تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.
   12. چاچ پوسۇنىڭىزنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ، ئەلۋەتتە كىيىمىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
   13. ئوخشىمىغان چاچ پوسۇنىڭىزغا ماسلاشتۇرىدىغان ھەر خىل چاچ قىسقۇچلىرىنى سېتىۋىلىڭ؛ كىچىك نەرسىلەرمۇ بەزىدە سىزنىڭ نازاكەتلىك كۆرسىتىدۇ.
   14. بىر نەچچە يات جىنىسلىق دوستىڭىز بولسۇن، بۇ ئاشنا تۇتىۋىلىڭ دىگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە؛ سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشسۇن. ئەرلەر ئادەتتە ئىدراكلىق تەپەككۇر قىلىدۇ، ئاياللار بولسا ھىسياتچان كىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر تۇرمۇشتا بىرەر مەسىلىلەرگە دۇچ كىلىپ قالسىڭىز، يات جىنىسلىق دوستلىرىڭىز سىزگە سەمىمىي تەكلىپلەرنى بىرەلەيدۇ.
   15. كۆڭلىڭىز يېرىم بولغان ۋاقىتتا، دەردىڭىزنى ئاڭلايدىغان ئادەم بولسۇن؛ ئۇ جىمجىت ھالدا سىزنىڭ دەرت تۆكۈشىڭىزنى ۋە يىغىلاپ ئىچىڭىزنى بوشىتىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن، سىزگە "ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، ئۆزىڭىز ھەممىدىن مۇھىم، خوشاللىق ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىدىن كىلىدۇ" دىيەلەيدىغان بولسۇن.
   16. ئاچچىقىڭىز كىلىپ قالغاندا، كۈلۈش بىلەن كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ. ھېچقانداق ئىش سىزنىڭ ئاچچىقلىنىپ ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ھەممسى ئۆتۈك كىتىدىغان ئىشلار.
   17. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى بىلەن ئۆزىڭىزنى جازالاشتىن قەتئى ساقلىنىڭ، سىز ئۆزىڭىزنى بەدەل تۆلىگەندەك ھىس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا مۇناسىپ جاۋاپقا ئىرىشىشىڭىز كىرەك. مۇھەببەتنىڭ تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش ئەمەسلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ئەمما ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت پىرىنسىپلىرى ھەر خىل ھەر تۈرلۈك بولىدۇ.
   18. باشقىلارنىڭ ئىشى ئۈچۈن كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئۇلار سىزنىڭ ئاچا-ئاكا، ئىنى-سىڭلىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بار، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرى بار بولىدۇ.
   19. ئاتا-ئانىڭىز ھايات بار ۋاقىتتا ئۇلارغا ياخشى ۋاپادارلىق كۆرسىتىڭ، بۇنداق قىلماي كىيىنچە پۇشايمانغا قېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ساغلام، كۆڭلى توق تۇرغىنىنى كۆرسىڭىز، سىز تەسەللى تاپالايسىز.
   20. كونا ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن يېغىلىشىپ تۇرۇڭ، بۇ سىزنىڭ ئىلگىرىگە قايتقاندەك ھىسياتقا ئەكىلىدۇ. گەرچە بىر-بىرىڭلارنىڭ چىرايىدا پەيدا بولغان قورۇقلارنى كۆرسەڭلارمۇ، ئەگەر ئۇقۇغۇچىلىق ۋاقتىڭلاردىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ئەسلىسەڭلەر، كۆڭلىڭىز قېرىمىغاندەك ھىس قىلىسىلەر.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号