22-16ياشتا
22-16ياش مەزگىل ھاياتلىقتىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلار؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئوماق ھەم گۈزەل چىرايىڭىزغا يۈز كىلەلمەي قالماي دىسىڭىز، تۆۋەندىكى يەككە سەپلىمىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ
كالتەك توپ كىيىمى
كالتەك توپ كىيىمى ئادەتتە پۈتۈنلەي ياش تاللىمايدىغان بىر خىل يەككە سەپلىمە، لىكىن 22-16ياش مەزگىلىدىكى خانىم قىزلىرىمىزغا نىسبەتەن تېخىمۇ بەكرەك ماس كىلىدىغان بولۇپ، ياشلىق باھارىڭىزنى %200 ئۇرغۇتىدۇ.
پادىچىلار ئىشتىنى
كىمنىڭ ياشلىق باھارى بىر تال تال پادىچىلار ئىشتىنىغا تايىنىپ ئۆتمىگەن دەيسىز؟ بۇ ھەم بىزنىڭ پادىچىلار ئىشتىنىنى تەۋسىيە قىلىشىمىزدىكى سەۋەپ بولۇپ، پادىچىلار ئىشتىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرنىدۇ ھەم ماسلاشتۇرماق ئىنتايىن ئوڭاي بولىدۇ.
28-23 ياشتا
پادىچىلار چاپىنى
28-23 ياش مەزگىلىدىكى خانىم قىزلىرىمىزغا ھەرقانداق ياسىنىش ئۇسلۇبلىرى ماس كىلىۋىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر مىنى بىر خىل يەككە سەپلىمە تەۋسىيە قىلىڭ دىسىڭىز، مەن بىرىنچى بولۇپ، پادىچىلار چاپىنىنى تاللايمەن؛ چۈنكى پادىچىلار چاپىنى بۇ ياش مەزگىلىدىكى ئۆزگىرىشچان ياسىنىش ئۇسلۇبىغا ئەڭ ماس كىلىدۇ.
A شەكىللىك يوپكا
پادىچىلار كىيىمى ئېلىپ كىلىدىغان تۈز مىجەزلىك تۇيغۇسىغا قارىغاندا، A شەكىللىك يوپكا قارىماققا مۇلايىملىق تۇيغۇسى كۆپرەك بولغاندەك كۆرىنىدۇ. گەرچە پاسونى، ماتىريالى، لاھىيىلىنىشى دىگەنلەر ئوخشاش بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇرۇق كۆرسىتىدىغان ۋە لاتاپەتلىك كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولىدۇ.
36-29ياشتا
كاستوم
36-29ياش مەزگىلى، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ پىشقان ئاياللار ئۇسلۇبىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ ياش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان ئاياللاردا ھەم كىچىك قىزلارنىڭ ئوماقلىقى ھەم توختالغان ئاياللارنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكى تەڭ مۇجەسسەملەنگەن، ئاياللارنىڭ ئەڭ نازاكەتلىك ۋاقتى ھىسابلىنىدۇ.
ئالدى ئۇچۇق توقۇلما كۆينەك
كاستومدىن باشقا يەنە قايسى خىلدىكى يەككە سەپلىمىنى تاللاش كىرەك؟ ئەلۋەتتە ئالدى ئۇچۇق توقۇلما كۆينەك! بۇ خىل كۆينەك ئادەمگە مۇلايىم ھەم ئىشەنچىلىك بولغان يېقىنلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ.
37 ياشتا
پلاش(风衣)
كۈز، قىش پەسىللىرىدە پىلاش بىلەن پادىچىلار ئىشتىنى ۋە كالتە قونچىلىق ئۆتۈك ماسلاشتۇرۇپ كېيسەك، ئادەمنى ئىنتايىن جەزبىدار كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بويىمىز پاكارراق بولسىمۇ، بۇ خىل ماسلاشتۇرۇشنى سىناپ باقساق بولىدۇ، پەقەت بەل قىسىمنى ئىگىزرەك چىقىرىشنى ئەستىن چىقارمىساقلا بولىدۇ.
لابا ئىشتان
لابا ئىشتان بىلەن پوپايكىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىش مەڭگۈ مودىدىن قالمايدىغان بولۇپ، تۈز تاپانلىق ئاياغ بىلەن ماسلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ، ھەمدە ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن ماسلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.