پادىچىلار ئىشتىنى سېتىۋىلىشتا دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەنلىكلەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11379:ئادەم ئۆگەندى
   پادىچىلار ئىشتىنى ئەڭ دەسلەپ 19-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن خىزمەت كىيىمى بولۇپ، ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پادىچىلار ئىشتىنى خەلىق ئاممىسىنىڭ ئارىسىغا ئېقىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ياسىنىشىدا مۇھىم ئورۇن ئىگەللەيدىغان يەككە سەپلىمىگە ئايلاندى. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئادەتتە پادىچىلار ئىشتىنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نەچچە نوقتىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى، ياقتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز.
1. بەل قىسمىنىڭ ئىگىز ياكى تۆۋەن بولۇشىغا دىققەت قىلىش
    بەدەن شەكلىگە قاراپ كىيىم تاللاش ئۇسۇلى، ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر خىل كىيىم تاللاش ئۇسۇلى؛ بىزمۇ ئادەتتە پادىچىلار ئىشتىنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ ھەر خىل نىسبەتلىرى ۋە بىلىمىز شەكلىگە قاراپ، ئۆزىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغان پادىچىلار ئىشتىنىنى سېتىۋىلىشىمىز كىرەك. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، نىسبەتەن قورساق سالغان ياكى بىلى چىلەك شەكىللىك كەلگەن خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن، بەل قىسىمى تۆۋەن كەلگەن پادىچىلار ئىشتىنى ماس كەلمەيدۇ؛ بولۇپمۇ ھەمىشە توردىن مال سېتىۋىلىشقا ئادەتلەنگەنلەر بۇ جەھەتتە تېخىمۇ دىققەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە قاراپ، بەل قىسمى تۆۋەن ياكى يۇقىرى بولغان پادىچىلار ئىشتىنىنى تاللاپ سېتىۋىلىشى لازىم.
2. كەينى يانچۇقىنىڭ ئورنىغا دىققەت قىلىش
    پادىچىلار ئىشتىنى تاللىغاندا، بەل قىسىمنىڭ ماس كىلىشىگە دىققەت قىلغاندىن باشقا، يەنە بىر كىچىك ھالقىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم؛ ئۇ بولسىمۇ ساغرا قىسىمدىكى كەينى يانچۇق؛ ئادەتتە يانچۇقنىڭ ئورنى بەك تۆۋەندە بولۇپ كەتسە، نىسبەتەن سېمىزرەك كەلگەن خانىم-قىزلىرىمىزغا نىسبەتەن، ساغرا قىسىمنى تېخىمۇ سېمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ. بۇندىن باشقا يانچۇق بەك چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ، نىسبەتەن سېمىز كەلگەن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
3. ئىشتان پۇچقىقىڭىنىڭ پاسونىغا دىققەت قىلىش
    ساغرا ۋە يوتا قىسمى نىسبەتەن سېمىز كەلگەن خانىم-قىزلارغا نىسبەتەن، ئايىغى تار كەلگەن پادىچىلار ئىشتىنى بۇلارنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ؛ سېمىزرەك كەلگەن خانىم-قىزلار ئادەتتە تۈز پاچاقلىق پادىچىلار ئىشتىنىنى تاللاپ سېتىۋلسا، بۇ ئاقىلانە بىر تاللاش بولىدۇ.
4. ماتىريالىنىڭ ئىلاستىكىلىقى بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش
    ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلاستىكىلىقى يوق ماتىريال ئىشلەتكەن ئىشتانلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئىشتان ئازراق سېمىز كەلگەن خانىم-قىزلارنىڭ كىيىشىگە ئەڭ ماس كەلمەيدىغان بىر خىل پاسوندۇر؛ چۈنكى سېمىز خانىم-قىزلار ئىلاستىكىلىقى يوق ماتىريالدىن ئىشلەنگەن پادىچىلار ئىشتىنى كەيگەندە، بىئاراملىق ھىس قىلغاندىن سىرت، بۇ خىل ماتىريالدىكى پادىچىلار ئىشتىنى يەنە سىزنىڭ ساغرىڭىز ۋە يوتىڭىزنى چىڭ سىقىپ، ھەرخىل سىزىقچىلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ.
5. ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش
    گەرچە پادىچىلار ئىشتىنىنى ھەرقانداق يەككە سەپلىمىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ دىيىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتالغان بىر قاراش؛ پادىچىلار ئىشتىنىنى ئوخشاش بولمىغان يەككە سەپلىمىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەيگەن ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى گۈزەللىك ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدىغان بولۇپ، بىز كەيمەكچى بولغان پادىچىلار ئىشتىنىغا ئەڭ ماس كىلىدىغان يەككە سەپلىمىنى تېپىپ چىقىش لازىم بولىدۇ. ئادەتتە بىز پۈتكۈل بىر گەۋدىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ كىيىم ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بارساق، بىزنىڭ ياسىنىشىمىز ئاندىن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号