ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئەڭ ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغان قىلمىشى...
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11302:ئادەم ئۆگەندى
    ئاياللارنى ئەڭ ئۈمىتسىز قويىدىغىنى، سىزنىڭ پۇلىڭىز يوق بولۇپ قېلىشى ئەمەس، بەلكى سىزدە ئۈمىد قالماسلىق.
   بىر ئايال كىشىنىڭ سىز بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇش ئىرادىسىنى مەڭگۈ تۆۋەن چاغلىماڭ، ئەمما بۇنى سىز چىن دىلىڭىزدىن بولغان مۇھەببىتىڭىزگە ئالماشتۇرىشىڭىز كىرەك. ئايال كىشىنى تەنھالىقتا ئۆتۈشكە ماسلىشىپ قالغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويماڭ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا سىزگە قايتا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ.
   ھەممەيلەن ئاياللار بەك ئىقتىدارلىق، مۇستەقىل، يامان بولۇۋالماسلىقى كىرەك، بولمىسا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولمايدۇ دىيىشىدۇ. ئەمما ئەگەر ئاياللار ئىقتىدارلىق، مۇستەقىل ھەم يامان بولمىسا، سىز ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالغاندا، كىم سىزگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۆزىنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىشقا تىرىشىپ، ئادەم يوق بۇلۇڭدا ئۆزى يالغۇز جاراھىتىنى داۋالايدۇ.
   دۇنيادىكى ئەڭ نۇمۇسسىز ئەرلەر، ئايالىغا ۋەدە بىرىشنىلا بىرىپ، ئەمما ئەزەلدىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان ئەرلەردۇر. دۇنيادىكى ئەڭ پەسكەش ئەرلەر، مەسىلىگە يولۇققاندا ئايالىغا "ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلىڭ" دىيىشنىلا بىلىدىغان ئەرلەردۇر؛ دۇنيادىكى ئەڭ ئىقتىدارسىز ئەرلەر، ئايالىغا "سىز مۇنداق دەپ تۇرۋالسىڭىز، مەندىمۇ ئامال يوق" دەپلا تۇرىدىغان ئەرلەردۇر؛ دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر، مەسلىلەرگە يولۇققاندا ئايالىغا "سىز قانداق قىلىشنى خالىسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ" دەپ قويۇپ، ھېچىنمە بىلەن كارى بولمايدىغان ئەرلەردۇر.
    بىر ئەر كىشىنىڭ ئايالى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىشىدىن ئۇنىڭ ئايالىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلىپ يىتىشكە بولىدۇ؛ ئەگەر بىر ئەر كىشىنىڭ شارائىتى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، سىزگە ھەمرا بولىدىغان ۋاقتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ سىزگە نىسبەتەن ئارتۇقچە ھىسابلىنىدۇ. مۇھەببەت خىيال قىلىپ ئۆتۈش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، سىز ئۇنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ھەر بىر كۈننى ئۆتكۈزۈپ بولالامسىز؟ ئەگەر ئۇسىزنى ياخشى كۆرسە، قانداقمۇ سىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالمىسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ۋاقتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئەڭ ياخشىسى قويۇپ بەرگىنىڭىز ياخشى، بۇنىڭدا ئۇنىڭغىمۇ ئۆزىڭىزگىمۇ دەخلى قىلمايسىز.
    ھەقىقەتەن ئاچچىقى كەلگەن ۋاقىت، يىغلاپ جىدەل قىلغان ۋاقىت ئەمەس، بەلكى گەپ قىلماي سۈكۈتتە تۇرغان ۋاقىت. ئىككەيلەن تالاش-تارتىش قىلماي، يىغلاپ جىدەل قىلماي، ھەتتا ئادەتتىكى ئالاقىمۇ يوق بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇنداقتا ئىككەيلەننىڭ نىكاھىمۇ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن بولىدۇ.
     بىر ئەر كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولسا، ئايالىنى كۈلدۈرۈپ خوشال قىلىدىغان پۇرسەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بىرىۋىتىشتۇر.
    ھەر بىر سۆيۈشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ھەممىسى سۆيۈشنى بىلىدىغان بىر ئادەمگە يولۇقىدۇ؛ ئۇندىن كىيىن ئۇلار يۈرەكنى ئەزگۈدەك بىر مەزگىل مۇھەببەتلىشىشنى باشتىن كەچۈرۈپ ئايرىلىپ كىتىدۇ. كىيىن، سۆيۈشنى بىلمەيدىغان ئادەم ئاستا-ئاستا قانداق سۆيۈشنى ئۆگىنىدۇ، ئەمما ئەسلىدىنلا سۆيۈشنى بىلىدىغان تەرەپ قايتا مۇھەببەتلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.
    ئادەم مۇزلىسا، بىرەر جاينى تېپىپ ئىسسىۋىلىشقا بولىدۇ، ئەمما يۈرەك مۇزلىسا، ئۇنى قايتا ئىللىتىش تەسكە توختايدۇ. ئىككى كىشىلىك دۇنيادا، جىدەللىشىشتىن قورقمايمىز، قورقىدىغىنىمىز سوغۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشتۇر؛ چۈنكى بىر ئادەمگە سوغۇق پۇزىتسىيەدە بولغان بىلەن، مۇزلايدىغىنى ھەر ئىككەيلەننىڭ قەلبى بولىدۇ.
     سۇۋۇپ قالغان قورىمىنى ئىسسىتىشقا بولىدۇ، ئەمما سۇۋۇپ قالغان يۈرەكنى ئىسسىتماق تەس بولىدۇ؛ بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى بولسا، قايتا-قايتا ئىسسىتىپ، ئاجىز يۈرەكنى پارە-پارە قىلىۋىتىشتۇر. بىزنىڭ قەلبىمىز مۇھەببەت ئۈچۈن بار بولىدۇ، ھەرگىز ئازاپ تارتىش ئۈچۈن ئەمەس.
    ئۆزىڭىزنىڭ خوشاللىقىنى باشقىلارنىڭ ئازابلىنى بەدىلىگە قۇرماڭ؛ ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن ئەقىللىق، باشقىلارنىڭ ھەممسىنى ئەخمەق قاتارىدا كۆرىۋالماڭ. مىنىڭ ئوتتۇرغا قويمىغىنىم مىنىڭ بىلمەيدىغىنىمغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛ مىنىڭ ھىسابلىشىپ ئولتۇرمىغىنىم، مىنىڭ ئىتىبار بەرمەيدىغىنىمغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
     باشقىلارغا كەڭ قورساق بولغىنىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئاسرىغىنىڭىزدۇر؛ باشقىلارنى ئەپۇ قىلغىنىڭىز، ئۆزىڭىزگە چىكىنىش يولى قويغىنىڭىز. كۆزلىرىڭىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ تۇسۇقى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. ۋاقىت ئەڭ ياخشى گۇۋاھچى بولالايدۇ؛ ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ھەقىقى مۇھەببەتنى سىناپ چىققىلى بولۇشى ناتايىن، ئەمما كىشى كۆڭلىنى چوقۇم سىناپ چىقىشقا بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号