ئاياللارنىڭ بۇ ئۈچ خىل ئادىتى ئىرىنى قاچۇرۋىتىدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12802:ئادەم ئۆگەندى
   ئەمىلىيەتتە، ئۆز-ئارا ئۆچ كۆرۈپ كەتمەيدىغان، ئەمما بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىغان ئادەمنى توي تۇرمۇشىدىكى ھەمرىيى قىلىپ تاللىسا، بۇنداق توي تۇرمۇشىنى ئەكسىچە تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ ئۆتكىلى بولۇشى مۇمكىن ھەمدە كىتاپلاردا سۆزلەنگەندەك بىر-بىرىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئاشىقلار بىر-بىرى بىلەن توي قىلىشقا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ ناچار ئادىتى، ئاسانلا ئىرىنى تالاغا قاراشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ.
1. ئىرىگە يىتەرلىك ئىتىبار بەرمەسلىك
    ئەگەر ئاياللار ئىرىگە يىتەرلىك ئىتىبار بىلەن قارىماي، ئىرى ئايالى تەرىپىدىن بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا مۇئامىلە قىلىنسا، ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئادىتى ئىرىنى تالاغا قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەرلەر ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىدا ئىتىبار بىلەن قاراشقا ئىرىشىشىنى ۋە تىگىشلىك ھۆرمەتكە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەمما ئەگەر ئاياللار ئىرىگە ھە دىسىلا خوشياقمىغاندەك پوزۇتسىيە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يىتەرلىك ئىتىبار بىلەن قارىمىسا، ئەرلەر بۇنداق پوزۇتسىيەگە ھامان بىر كۈنى بەرداشلىق بىرەلمەي قالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاياللار ھەمىشە ئەرلەرگە خۇشامەت قىلىپ ئۆتۈشى كىرەك دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاياللار ئىرى بولغان ئارلىقىنى لايىقىدا تۇتۇپ، مۇناسىۋەتنى ياخشى كونتىرول قىلىشى كىرەك دىگەنلىكتۇر؛ يەنى بەك يېقىنىلىشىپ كەتمەسلىك ھەم بەك يېراقلىشىپمۇ كەتمەسلىك. ئاياللار ئىرىنىڭ كەيپىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىققەت قىلىپ تۇرۇشنى ئۆگىنىشى، ئىرى ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇپ يالۋۇرغان ۋاقتىدا، ئۇلارغا چۈشىدىغان پەشتاق بىرىشنى بىلىشى كىرەك.
2. ئىرىنىڭ يۈز-ئابرويىنى ئايىماسلىق
    ئاياللار ئىسىدىن چىقارماسلىقى كىرەككى، ئەرلەر ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويىغان ناھايىتىمۇ بەك ئىتىبار بىرىدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەمىشە مىنىڭ توغرا دەپ ئىرىگە يول قويمىسا ھەمدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىرىنى سەتچىلىككە قويۇپ ئۇلارنىڭ يۈزىنىڭ تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەرلەر چوقۇم ئېلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر ئاياللار ھەمىشە مۇشۇنداق قىلىۋەرسە، ئىرى ھامان ئايالىنىڭ بۇ خىل ناچار ئادىتى سەۋەپلىك توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلىپ تالاغا قارايدۇ. ئەرلەرنىڭ يۈز-ئابرويىنى ئاۋايلىشى ھەر جەھەتلەردىن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ ئائىلە ئۇ ئەرنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىشىغا ئەرزىيدىغان بولۇشى كىرەك، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئائىلىدىكى ئايال خوجايىن ئۇ ئەرنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىشىغا ئەرزىيدىغان بولۇشى كىرەك.
3. ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرۋىلىش
    توي  تۇرمۇشىدا، ئاياللار ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرۋىلىشتىن قەتئى ساقلىنىشى كىرەك. ئاياللار ئىسىدە مەھكەم تۇتۇشى كىرەككى، ئۇلار ئۆزىگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشى كىرەك، چۈنكى كىشىلىك ھايات ئۇنداق ئۇزۇن ئەمەس؛ ئاياللار يەنە ئىرىگە ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشى كىرەك، چۈنكى ئەگەر ئۇ دۇنيادىن يوق بۇلۇپ كەتسە، ئۇنى قايتا ئۇچرىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئەقىللىق ئاياللار ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرۋالمايدۇ، ئەمما ئۇسۇلغا دىققەت قىلغان ئاساستا، ئىرىنى ئۆزىگە رام قىلىپ گېپىدىن چىقمايدىغان قىلىۋالىدۇ. ئاياللار ئەگەر ئىرىنى بەك چىڭ باشقۇرىمەن دەپ، ئىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا چات كېرىۋالسا، ئىرى قارشىلىق بىلدۈرسە ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ باش ئاغرىتسا، بۇنداق ئاياللار ئىرىنى ناھايىتى تىزلا قاچۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئىرىنى چىڭ تۇتىمەن دەپ ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالسا، ئۇنىڭ ئىرىدە توي تۇرمۇشىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك شەكىللىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئۇلار تالاغا قاراش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان بولىۋالىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号