ئاياللار تاماقنى بەك ئاز يېسە 6 خىل كېسەلگە ئاسان گېرىپتار بولىدۇ
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 11333:ئادەم ئۆگەندى

 ھوشيار بولۇڭ! ئاياللار تاماقنى بەك ئاز يېسە 6 خىل كېسەلگە ئاسان گېرىپتار بولىدۇ
زامانىمىزنىڭ ئاياللىرى زىلۋا قامىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، تاماقنى بارغانچە ئاز يەيدىغان بولۇپ كەتتى، ئەلۋەتتە تاماقنى بەك كۆپ يېسىمۇ ماي كۆپىيىپ كېتىپ باش قېتىقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما تاماقنى بەك ئاز يېيىشمۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ.


1-چاچ چۈشۈپ كېتىش
تېنى بەك ئۇرۇق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەندىكى ماي ۋە ئاقسىل بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن چاچ كۆپلەپ چۈشۈپ كېتىپ پارقىراقلىقىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. ئەگەر تاماقنى بەك ئاز يېسە، چاچ تولۇقلايدىغان ئۇزۇقلۇق يېتەرلىك بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈرنىڭ شۈمۈرۈلۈشى كەمچىل بولىدۇ-دە، چاچ سارغىيىپ نۇرسىزلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

2-سۆڭەك شالاڭلىشىش
تېنى بەك ئۇرۇق ئاياللارنىڭ داس سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ كېتىش نىسبىتى بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئاياللارنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك بولىدۇ، بۇ تېنى بەك ئۇرۇق بولغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇنننىڭ سەۋىيىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، كالتىسىي بىلەن سۆڭەكنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، سۆڭەكنىڭ نورمال زىچلىقىنى ساقلاشقا ئامال بولمايدۇ، شۇڭا سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۆڭەك سۇنۇش ئاسانلا كېلىپ چىقىدۇ.

 


3-ئاشقازان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش
ئاچلىق ئارقىلىق ئۇرۇقلايدىغان ئاياللاردا دائىم ئىشتىھاسى بولماسلىق، قۇرساق كۆپۈش، قۇرساق ئاغرىش ئالامەتلىرى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلكىم ئاشقازاننىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنىڭ بىشارىتى. ئازقازىنى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولغانلاردا قۇرساق قىسىمى بىتاپ بولۇش، قۇرساق كۆپۈش، قۇرساق ئېغىرلىشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، تاماق يەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى چارچىغاندا كېسەللىك ئېغىرلىشىدۇ. ئاشقازان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئېغىر بولغاندا يەنە جىگەر، بۆرەك، بوغماق ئۈچەي قاتارلىق ئىچكى ئەزالار ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ.

 


4-بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش
يېتەرلىك ئاسراش بولمىغاندا، بالىياتقۇ ئاسانلا نورمال ئورنىدىن جىنسىي يولنى بويلاپ تۆۋەنلەيدۇ، بالىياتقۇ بوينى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ، ھەتتا جىنسىي يولنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، بالىياتقۇ چىقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا يەنە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى يۇقۇملىنىش ھەتتا بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چقىرىشى مۇمكىن.

 


5-قان ئازلىق
ئۇزۇقلۇقنىڭ شۈمۈرۈلۈشى تەكشى بولماسلىق تۆمۈر، يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن B12 قاتارلىق قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاماقنى ئاز يېگەنلەرنىڭ  ئاساسى ماددا ئالمىشىش ئۈنۈمىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەركىتى ئاجىزراق بولىدۇ، ئاجرىتىپ چىقارغان ئاشقازان كىسلاتاسىمۇ ئازراق بولۇپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ نورمال شۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدۇر.

 


6-ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىش
چوڭ مېڭە خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيىسى مايدىن كېلىدۇ. تاماقنى بەك ئاز يېگەندە، بەدەننىڭ شۈمۈرگەن ماي مىقدارى ۋە ساقلاش مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئورگانىزمنىڭ ئۇزۇقلۇقى كەمچىپ بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بارغانچە ئۇنتۇغاق بولۇپ كېتىدۇ.


ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号