كۈز كۈنلىرى ھاۋا كىلىماتى كۆپ ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز پادىچىلار چاپىنىغا ئېھتىياجلىق بولىسىز، بۇنىڭدا يازلىق كىيىملىرىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر خىل ئۇسلۇپتىكى ياسىنىشلىرىڭىزغا ماسلاشتۇرالايسىز.
پادىچىلار چاپىنى + ئۇزۇن كۆينەك
ئۇزۇن كۆينەك ئۈستىگە پادىچىلار چاپىنى كىيىۋالسىڭىز، لاتاپىتىڭىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىزنى مۇلايىم كۆرسىتىدۇ ھەمدە يىڭىلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆزگىچىلىكىنىمۇ يوقىتىپ قويمايدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن كەلگەن پۇتلىرىڭىزنى يۆگەپ قويۇشنى خالىمىسىڭىز، ياندا چېكى بار ئۇزۇن كۆينەك ياكى سەل قىسقىراق كەلگەن كۆينەك كىيىۋالسىڭىز، پۇتلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ.
يىنىك ھەم نىپىز ماتىرياللىق كۆينەك بىلەن قېلىن ھەم قاتتىق ماتىرياللىق پادىچىلار چاپىنىنى ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان مودا تۇيغۇسىغا ئىگە بولىسىز.
ئاددىيلا كەلگەن قارا رەڭلىك ئۇزۇن كۆينەك، پادىچىلار چاپىنى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇنداق ئاددى كۆرۈنمەيدۇ، ئۇزۇن قونجىلىق ئۆتۈك بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز، نازاكىتىڭىزنى ئاشۇرۋىتىدۇ.
پادىچىلار چاپىنىنى يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە ھەرخىل پاسۇندىكى كۆينەكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
پادىچىلار چاپىنى + يوپكا
پادىچىلار چاپىنى بىلەن يوپكا ماسلاشتۇرۇلغاندا، بويى نىسبەتەن پاكار، شوخ قىزلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ.
كىلاسسىكلىق تۇيغۇسىغا ئىگە پادىچىلار چاپىنى بىلەن، رەڭلىك گۈللۈك كەلگەن يەككە سەپلىمىلەر ماسلاشتۇرۇلغاندا، ئارىلاشتۇرۇپ ياسىنىشنىڭ مۇكەممەل ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيسىز.
كۆك يوللۇق يوپكا ۋە پادىچىلار چاپىنىنىڭ ماسلاشتۇرۇلىشى، قارىماققىلا راھەتلىك تۇيغۇسى بىرىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ ئومۇمى ياسىلىشىڭىزنى ناھايىتى مودا كۆرسىتىدۇ.
پادىچىلار چاپىنى + لابا ئشىتان
ئالقىشقا ئىرىشىۋاتقان يەككە سەپلىمە لابا ئىشتان، كۈز پەسلىدىمۇ مودىدىن قالمايدىغان بولۇپ، پادىچىلار چاپىنى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىگەندە، راھەتلىك ۋە مودىلىق دەرىجىسىدىكى مۇكەممەل ماسلاشتۇرۇش بولىدۇ.
كوچا مودىكەشلىرى ئۇسلۇبىنى ياقتۇرىدىغان قىزلار پوسما قوشۇپ ماسلاشتۇرۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە پادىچىلار چاپىنى، كاستوم-بورۇلكا ئۇسلۇبىدىكى لابا ئىشتاننىڭ زىيادە رەسىمى يۇسۇنلۇق تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان بولۇپ، خىزمەتچى قىزلارنىڭ توغرا بولغان تاللىشىدۇر.
پادىچىلار چاپىنى + تار ئىشتان
پادىچىلار چاپىنى بىلەن تار ئىشتاننى ماسلاشتۇرۇپ ياسىنىش، نۇرغۇن ئايال چولپانلارنىڭ ئەڭ ئامراق ياسىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ بەلكىم بۇندا ياسانغاندا بەدەن شەكلىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرگىلى بولدىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
بىلى ئىنچىكە ساغرىسى چوڭ كەلگەن نەشپۈت شەكىللىك بەدەن شەكلىگە ئىگە قىزلار، چوڭ نۇمۇرلۇق پادىچىلار چاپىنىنى تاللاپ ساغرا قىسمىنى ئازراق يۆگىۋالسا بولىدۇ.
پۈتۈن بەدەنگە پادىچىلار كىيىمى سەپلەش
ئاستى-ئۈستى ھەممىسىگە پادىچىلار كىيىمى كىيىش، يىڭى كىيىنىش ئۇسۇلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ يىل كۈزدە يەنىلا بۇنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇنداق ماسلاشتۇرۇشتا، پادىچىلار چاپىنى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك، بولمىغاندا كۆرۈش سىزىمى جەھەتتىكى ئۇزۇن پۇت تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولغان پادىچىلار چاپىنىڭىز بار بولسا، ئۇنىڭ بىر پىشىنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىۋىلىش ئۇسۇلىنى تاللىسىڭىز، ئۇخشاشلا دىققەت تارتىدىغان كىيىنىش ئۇسۇلى بولالايدۇ.