ھەيىز توختىغاندىن كىيىن بۇلارنى يىسىڭىز، تىزلا ئۇرۇقلىيالايسىز!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8124:ئادەم ئۆگەندى
   ھەيىز بەدەندىكى زەھەرلەرنى ھەيدەپلا قالماي، ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ ئۇرۇقلىشىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ؛ چۈنكى ھەيىز مەزگىلىدە، بالىياتقۇ  ئىچىدە بەز تەنچىسى( بىر خىل ھورمۇن) ئۆزلۈكسىز ئاجرىلىپ چىقىش، قان تۇمۇرلىرى ئۆسۈپ پەيدا بولۇش(بالىياتقۇ ئىچىدىكى قىسمەن قىل قان تۇمۇرلارنىڭ تەدرىجى ئۆسۈشى) قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
   بۇ ھادىسىلەر بالىياتقۇ ئىچكى قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ، ھەر قايسى تۈردىكى ئىقتىدارلارنىڭ يىتەرلىك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھالىتىنى ساقلايدۇ ھەمدە ئاياللارنىڭ ئۇرۇقلىشىغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەيىز توختىغاندىن كىيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە، ئاياللار تۆۋەندىكى 4 خىل يىمەكلىكنى كۆپلەپ يەپ بەرسە، بەدەن ئېغىرلىقى تەدرىجى تۆۋەنلەپلا قالماي، يەنە بەدەن سالامەتلىكىگىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
1. دولانا(山楂)
   دولانا ئۆزى چۈچۈمەل ئەمما يىيىشلىك كىلىدىغان بولۇپ، ئاياللار دولانانى كۆپ يەپ بەرسە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. بۇ دولانانىڭ تەركىبىدىكى ئۆسۈملۈك كىسلاتاسى تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ ماددىلار ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئاشقازان-ئۈچەي مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا دولانانىڭ ئاشقازان دىۋارىغا بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، بىر قېتىمدا كۆپ يەۋىلىشقا بولمايدۇ؛ ئادەتتە ناۋات بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچسەك كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
2. كۆك كاۋا(冬瓜)
   كۆك كاۋا ئىسسقنى ھەيدەپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئاياللار ھەيىز توختىغاندىن كىيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە كۆك كاۋا يەپ بەرسە، ئۇرۇقلىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە بالىياتقۇنىڭ زەھەرلىك ماددىلار ۋە مەينەت قانلارنى چىقىرۋىتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. كۆك كاۋىنىڭ تەركىبىدە سۇ تەركىبى ۋە تالا ماددىسى ناھايىتى مول بولۇپ، تالا ماددىسى ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەكنىڭ مىتابولىزىم ئېلىپ بېرىشى ۋە سۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۈچەي يوللىرىدىكى ئارتۇق ياغلارنى ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۇرۇقلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، راك بىلەن بىرلىكتە شورپا قاينىتىپ ئىچكەندە ئاياللارنىڭ كۈتۈنۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
3. پۇرچاق ئۇيۇتمىسى(豆腐)
   پۇرچاقتىن تەييارلانغان يىمەكلىكلەردە كۆپ مىقداردا سويا ئىزوفلاۋۇن بار بولۇپ، بۇ تەبىئى ئاياللىق ھورمۇنى باربولغانغا باراۋەر بولىدۇ. ئاياللار ھەيىز كۆرۈش مەزگىلىدە، ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشى تەدرىجى تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ھەيىز توختىغاندىن كىيىن، پۇرچاقتا تەييارلانغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىشى كىرەك؛ بۇنىڭىدا بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ، كۈتۈنۈشكە پايدىسى بار بولىدۇ. پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ئادەمگە ئاسان تويۇنۇش ھىس قىلدۇرىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ھەيىز كەلگەندىن كىيىن، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئاياللىق ھورمۇنى تۇلۇقلاپ، بەدەن ئىقتىدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ ھەم كۈتۈنۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
4. پەمىدۇر
   ھەيىز توختىغاندىن كىيىن، ئاياللار پەمىدۇرنى كۆپرەك يەپ بەرسە ئۇرۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەنگە ۋىيتامىن C تۇلۇقلاپ، تىرىنى ئاقارتىپ گۈزەللەشتۈرۈشكە بەلگىلىك پايدىسى بار بولىدۇ. پەمىدۇر تەركىبىدە ۋىيتامىن، ئالما كىسلاتاسى، سىترىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن مول بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىسلاتا تۈرىدىكى ماددىلار ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسەتكەندە، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەرىكەتچانلىقلىرىنى ئاشۇرۇپ، ئۈچەي يولىنىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ئۇرۇقلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
    ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك ئىش شۇكى، ئاشقازان كىسلاتاسى زىيادە كۆپ بولۇپ قالغان كىشىلەر دولانانى كۆپ يەۋەلماسلىقى كىرەك، بولمىغاندا ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زەخمە يەتكۈزىدۇ؛ كۆك كاۋىنى ئىستىمال قىلغان ۋاقىتتا، ئىمكان قەدەر راك، قوي گۆشى قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش كىرەك، بۇنىڭدا كۆك كاۋىنىڭ سۇغۇق تەبىئىتىنى تۆۋەنلىتىپ بەدەنگە پايدىلىق تەسىر ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号