پۇت شەكلىڭىزگە قاراپ ئىشتان تاللاشنى بىلىۋىلىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8197:ئادەم ئۆگەندى
   كەچلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن كۆپچىلىك! سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمۇ بىلمىدىم، نىيۇروك 2019-يىللىق باھار ۋە ياز پەسىللىك مودا كىيىم ھەپتىلىكى ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولدى؛ لوندون، مىلان ۋە پارىژدىكى مودا كىيىم كۆرگەزمىلىرىمۇ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا؛ بۇ قېتىملىق نىيۇروك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتىدىغىنى ۋېيمىدىكى ئۇزۇن پۇتلۇق كىيىم مودىللىرى بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرنەچچە پارچە سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلانغايسىزلەر!

    بۇندىن باشقا يەنە دۆلىتىمىز كىيىم مودىللىرىمۇ بۇ قېتىملىق سىناق مەيدانىغا باردى.
    ئەمدى ئەسلى گېپىمىزغا كەلسەك، بىزگە ئوخشاش چىرايى ئادەتتىكىچە، پاقالچىقىمىز توم كەلگەن قىزچاقلار قانداق ياسانساق ئۇرۇق كۆرىنىدىغىنىمىز ھەققىدە ئويلىشىپ قويساق بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە ئۇرۇق كۆرسىتىدىغان ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ كىيىش ئۇسۇللىرىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ كەلدۇق، ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
ئىشتاننى قانداق تاللاش كىرەك؟
1. ماتىريال تاللاش
    نۇرغۇن قىزلار ياز كۈنلىرى لابا ئىشتان كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ يىپەك قاتارلىق تاشلىنىپ تۇرىدىغان ماتىرياللادا تىكىلگەن ئىشتانلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
سىز بىزمۇ يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك كۆرىنەرمىزمۇ دەپ خام-خىيال قىلماڭ! پاقالچىقى توم كەلگەن قىزلار كەيگەندە، يولدا ماڭسىڭىز ئىشتان شامالدا پۇتىڭىزغا چىڭ چاپلىشىۋىلىپ، پۇتىڭىزنىڭ شەكلىنى ئەينەن چىقىرىپ قويىدۇ. شۇڭا چوقۇم قېلىنراق ماتىريالدا تىكىلگەن ئىشتان تاللسىڭىز، ئىشتان ئۆز ئېغىرلىقى بىلەن پەسكە ساڭگىلاش ھالىتىنى ساقلاپ، تىك شەكىلدىكى كۆرۈش سىزىمىنى ئاشۇرۇپ، سىزنى ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ.


2. رەڭ تاللاش
    قېنىق رەڭ ئۇرۇق كۆرسىتىدىغان ھەقىقەتنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ؛ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئوخشاش پاسۇندىكى ئوخشاش نۇمۇرلۇق ئىشتان بولسىمۇ قارا رەڭ ئاق رەڭگە قارىغاندا كۆپ ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ.

3. پاسون تاللاش
لوبو ئىشتان، كۇنۇس شەكىللىك ئىشتان
   لوبو ئىشتىنى ۋە كۇنۇس شەكىللىك ئىشتان ھەر ئىككىسى ئۈستى كەڭ ئاستى تار پاسوندىكى ئىشتان بولۇپ، پۇتلىرى توم، سۆڭگىچى كەڭ قىزلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ؛ بۇ ئىككى خىل ئىشتاننىڭ كۆپ پەرقى يوق بولۇپ، ئەگەر چوقۇم بار دىسەك، لوبو ئىشتاننىڭ قاتلاغلىرى بار بولۇپ، تېخىمۇ ئازادە ھەم راھەت كىلىدۇ؛ كۇنۇس شەكىللىك ئىشتان بولسا، نىسبەتەن تۈزھەم شەكىللىك كىلىدۇ.

تۈز ئىشتان، مىكرو لابا ئىشتان
    نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئەمىلىيەتتە پاقالچىقى توم ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ پاقالچىقى تۈز ئەمەس، پاقالچاق مۇسكۇلى سىرتقا چىقىپ قالغان مەسىلىسى بار بولغانلىقتىن، قارىماققا پاچىقى تومدەك كۆرنىدۇ. ئەمما سىز پاقالچىقىم توم دەپ ناھايىتى ئازادە كەلگەن ئىشتان كەيسىڭىز، ئۇنداقتا پۇتىڭىز قىسقا ئۆزىڭىز پاكار كۆرۈنۈپ قالىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزگە يوتىڭىز ئۇرۇق بولغان ئالاھىدىلىكىڭىزنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پاقالچاق قىسىم كەڭرەك، يوتا قىسىم دەل كىلىدىغان تۈز شەكىلدىكى ياكى ئاستى ئازراق لابا شەكىلدە بولغان مىكرو لابا ئىشتان تاللاش تەكلىپىنى بىرىمىز.

ئىشچىلار ئىشتىنى
    پاقالچىقى ۋە يوتىسى ئوخشاشلا توم كەلگەن قىزلار، ئىشچىلار خىزمەت كىيىمىگە ئوخشاپ كىتىدىغان پاسوندىكى ئىشتاننى تاللىسا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىشتان ناھايىتى كەڭرى ئازادە بولۇپ، سۆڭگىچىڭىز ھەرقانچە كەڭ، پۇتلىرىڭىز قانچىلىك توم بولسىمۇ يۆگەپ كىتەلەيدۇ. ئەمما بۇ خىل ئىشتان كىيگەندە، بەدىنىڭىزنىڭ ئۈستى قىسمىغا چوقۇم بەدەن شەكلىڭىزنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قىسقا سەپلىمىلەرنى تاللىشڭىز كىرەك، بولمىغاندا پۇتلىرىڭىزغا تاغار ئېسىپ قويغاندەك كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号