ھالقا تاقاشنى بىلىدىغان خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ، ئادەتتە كىيىنىشىدىمۇ مەسىلە بولمايدۇ. خانىم-قىزلارنى مودىغا ماسلاشقانمۇ يوق، ئۇلارنىڭ ھالىقىسىغا قارىساقلا بىلەلەيمىز.

كۆرنىشى چىرايلىق كەلگەن ھالقا تاقىساق، چىراي شەكلىمىزنى زىننەتلەپلا قالماي، مودىلىق دەرىجىسى ۋە سۈپەت تۇيغۇسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
تۆۋەندە بىز خانىم-قىزلىرىمىز ئۈچۈن ئۈچ خىل پاسوندىكى ھالقىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى، ئۆزىڭىزگە ماس كىلىدىغان بىرەر پاسۇندىكى ھالقا بارمۇ يوق كۆرۈپ بېقىڭ!
چەمبەرسىمان مىتال ھالقا
يېقىنقى يىللاردىن بويان چەمبەرسىمان مىتال ھالقا مودا بولدى، پاسونى ئاددى ئەمما ماسلاشتۇرۇش ئاسان، مۇدا ئېقىمى تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ لاھىيىلەنگەن.


ئاددىغىنە بىر تاللا بولغان تەقدىردىمۇ، دىققەت تارتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.


بىر دەرىجە چوڭ كەلگەن چەمبەرسىمان ھالقىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچ زور بولۇپ، سىزنى مودا ئېقىمىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدەك كۆرسىتىدۇ.
تەقلىدى شەكىللىك ھالقا
ئازراق مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن تەقلىدى شەكىللىك ھالقا، سىزنىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان مەۋجۇتلۇق تويغۇڭىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، سىزنىڭ ياسىنىشىڭىزدىكى يۇرۇق نوقتا بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر پاسون تاللاشتا ئۆزىڭىزنى توختىتالماي قالسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كىيىىمىڭىز بىلەن ئوخشاش رەڭلىك پاسۇننى تاللىسىڭىز، سىزنى تېخىمۇ مودا كۆرسىتىدۇ.
بۇ خىلدىكى ھالقىلار ساياھەتكە چىققىنىڭىزدا تاقاشقا تولىمۇ ماس كىلىدۇ.
ئۇزۇنچاق شەكىلدىكى ھالقا
ئۇزۇنچاق شەكىلدىكى ھالقا، ھازىرقى كۈندە مودىكەش خانىم-قىزلارنىڭ چوقۇم بولۇشقا تىگىشلىك زىننەت بويۇمىغا ئايلىنىپ قالدى.
بۇ خىلدىكى ھالقا سىزنى ئاسانلا مۇلايىملىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، سىزنى لاتاپەتلىك قىلىدۇ ھەمدە چىراي شەكلىڭىزنىمۇ كىچىك كۆرسىتىدۇ.
ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان پۆپۈكسىمان پاسۇندىكى ھالقىلار، سىزنىڭ قانداق ماسلاشتۇرۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، سىزنىڭ ھۆسنىڭىزگە باشقىچە جامال قوشىدۇ.
يۇقارقىلاردىن سىزگە ئەرزىيدىغان پاسوندىكىدىن بىرەسى بارمىكەن؟ بار بولسا دوستلىرىڭىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ!

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号