يېقىندا ياپونيىنىڭ 《 Steady 》 ژورنىلى كۆرۈش خاتا سىزىمى پىسخىكشوناسلىرى ۋە ياسىنىش ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، قانداق كىيىنگەندە تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرۈنگىلى بولىدىغانلىق ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن؛ بىز تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلاردىن ئىلىنغان ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ باقايلى!
چىڭ كىلىدىغان كىيىملەرنى كەيسىڭىز سېمىز كۆرنىسىز

" قەلەم " شەكىللىك يوپكا ئىنىقلا بەدەنگە چىڭ كىلىدۇ، بۇ قىزچاقمۇ ناھايىتى ئۇرۇق ئىكەن، ئەمما نىمە ئۈچۈن قاتلىما يوپكا كىيىۋالغاندىكىدىن سېمىز كۆرنىدۇ؟
كۆرۈش خاتا سىزىمى پىرىنسىپى:

A ۋە B ئىككى رەسىمدىكى سىزىقچىلار ئارىسىدىكى ئارلىق تەڭ، ئەمما A ، B غا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆرنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، A رەسىمدىكى سىزىق ناھايىتى ئىنچىكە، شۇڭلاشقا سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە A رەسىمدىكى ئىككى سىزىق ئارىسىدىكى بوشلۇق B رەسىمدىكى بوشلۇققا قارىغاندا كەڭ كۆرنىدۇ.
ئەگەر سىز " قەلەم " شەكىللىك يوپكىنى ناھايىتى ياخشى كۆرسىڭىز، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئاستى تەرىپى ئازراق سىرتقا قاراپ ئېچىلغان پاسوندىكى يوپكا كەيسىڭىز بولىدۇ.

ئۈستىڭىزگە ۋە بىلىڭىزنىڭ تۆۋىنىگە ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كەيسىڭىز ئۇرۇق كۆرنىسىز

نۇرۇغۇن خانىم قىزلىرىمىز كىيىملەرنىڭ رەڭگى ماسلاشسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما ئوخشاش ئىككى خىل رەڭنى قانداق تاللىغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ ئۇرۇق كۆرسىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. ئەمىلىيەتتە بەدىنىڭىزنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ۋە تۆۋەنكى قىسمىغا ئوخشاش رەڭدىكى كىيىم كىيىۋالسىڭىز، كۆپ ئۇرۇق كۆرنىسىز؛ بۇ نىمە سەۋەبتىن؟
كۆرۈش خاتا سىزىمى پىرىنسىپى

ھەممە ئادەم بۇ رەسىمنى كۆرگەندە تىك شەكىلدە تىزىلغان رەسىمگە دىققەت قىلىدۇ، بۇ چۈنكى تىك شەكىلىدىكى رەسىمدە كۆرۈش سىزىمىغا قارىتا توسقۇنلۇق بولمىغانلىقىدىندۇر. بۇ سەۋەبلىك، ئاستى-ئۈستى ئىككى پارچە رەسىمنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، كىشىلەر ئادەتتە ئۈستىدىكى رەسىمنى توغرىسىغان كۆرىدۇ، ئاستىدىكى رەسىمنى بولسا تىك ھالەتتە كۆرىدۇ؛ شۇڭلاشقا تەبىئىلا ئۇرۇق كۆرنىدۇ.
ئاق ئىشتان كەيگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۈستىڭىزگىمۇ ئاق رەڭ ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالسىڭىز، باشقا قېنىق رەڭلەرنى ماسلاشتۇرغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى، بۇلۇپمۇ بويى پاكارراق كەلگەنلەرگە نىسبەتەن.

پەلتۇنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىۋالسىڭىز سېمىز كۆرنۈپ قالىسىز

ئەگەر پەلتۇنىڭ تۈگمىسىنى ئېچىۋەتسىڭىز، تېخىمۇ ئىگىز ھەم ئۇرۇق كۆرنىسىز، بۇ نىمىشقا ئەمدى؟ بىز بىرلىكتە مۇتەخەسسىلەرنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:
كۆرۈش خاتا سىزىمى پىرىنسىپى

A ۋە B ئىككى خىل تۆت تەرەپلىكنىڭ قايسىسى تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرنىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە ئىككىسى ئوپمۇ ئوخشاش شەكىللەر. ئەمما كىشىلەر ئوخشاش شەكىلدىكى تۆت تەرەپلىككە قارىغىنىدا، A شەكىل تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرىنىدۇ.
ئەگەر سىز كەڭ تۇرىدىغان خىروم پەلتۇ كىيىۋالغان بولسىڭىز، چوقۇم ئالدىنى ئېچىۋىتىپ كەيسىڭىز، ئاندىن ئۇنچە سېمىز كۆرىنىپ قالمايسىز.

بويى نىسبەتەن پاكار كەلگەن خانىم-قىزلارغا تەۋسىيە

رەسىمدىكى ئىككەيلەن قايسىسى تېخىمۇ ئىگىزرەك كۆرنىدىكەن؟ جاۋابى ئەلۋەتتە ئوڭ تەرەپتىكىسى ئىگىز كۆرنىدۇ، نىمە ئۈچۈن پوسما كىيىۋالسىلا ئىگىز كۆرنىدۇ؟
كۈرۈش خاتا سىزىمى پىرىنسىپى

جاۋابى بولسا كۆرۈش سىزىقىنىڭ يۇقىرىغا يۆتكىلىش پىرىنسىپىدۇر؛ كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان فوكس نوقتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ كۆرۈش سىزىقىنى يۇقىرى يۆتكىلىشكە جەلپ قىلسىڭىز، پاكارراق كەلگەن قىزلارنى ئىگىز كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بويى نىسبەتەن پاكار بولغان قىزلار تۆۋەندىكىدەك گۈللۈك يوپكىلارنى، بولۇپمۇ گۈللۈك ئۇزۇن يوپكىلارنى تاللىغاندا ئويلىشىپ بېقىشى لازىم بولىدۇ.

توغرا ئۇسۇل تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

ئەگەر بۇ مەزمۇن سىزگە يارىغان بولسا، دوستلىرىڭىزغىمۇ يوللاپ تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ!

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号