بىر مەزگىل ئىلگىرى، توردا دىلرابانىڭ ئاتالمىش ھۆسىن تۈزەشتىن ئىلگىرىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، بۇ ھەقتىكى ھەر خىل قاراشلار، توردا بارغانسىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلرابا " تىز يۈگۈر، ئاغىنە! " پىروگىراممىسىغا قاتناشقاندىن كىيىن، ھەپتىدە بىر قېتىم دىگۈدەك توردىكى ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن تېما تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا چىقىپ تۇرىدىغانلىقى سەۋەبلىك ، دىلرابانىڭ ھۆسىن تۈزەش قىلدۇرغانلىقى ھەققىدىكى يالغان-ياۋىداق خەۋەرلەر توردا كەڭ تارىلىپ كەتتى.

كىينچە، دىلرابانىڭ ئاتالمىش ھۆسىن تۈزەش قىلدۇرۇشتىن ئىلگىرىكى سۈرەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاخباراتلارغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچەيدى. بەزى تورداشلار دىلرابانىڭ ئاتالمىش ھۆسىن تۈزەشتىن ئىلگىرىكى سۈرىتى ۋە ھازىرقى سۈرەتلىرىگە قارىتا، توردا مەخسۇس سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۈرەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى مەزگىللىك سۈرەتلەردە گەرچە كۈرنەرلىك پەرق بولسىمۇ، ئەمما چىراي شەكلىدە كۆپ پەرق يوقلىقىنى بايقىغان. ئۇنداقتا دىلرابا زادى ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغانمۇ يوق؟

ئەدىبىيات-سەنئەت ۋە كىنو-تىلىۋىزىيە ساھاسىدە داڭ چىقارغان چولپانلار توغرىسىدىكى يالغان-ياۋىداق خەۋەر ۋە ئاخباراتلار ئەسلىدىنلا كۆپ بولىدىغان بولۇپ، دىلرابامۇ ھۆسىن تۈزەشتىن ئىبارەت بۇ خىل چولپانلار دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان يالغان ئاخباراتلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. بەزى تورداشلار دىلرابانىڭ ئاتالمىش ھۆسىن تۈزەشتىن بۇرۇنقى رەسىملىرىنى تورغا چىقىرىپ، دىلرابانى زاڭىقىنى تولدۇرغان ھەمدە ئىككى مەڭزىنى قىيىپ پەسلەتكەن دەپ خەۋەر تارقاتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، دىلرابا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن تۇرمۇش رەسىملىرىنى مىكرو بىلوگقا چىقارغاندىن كىيىن، دىلرابانىڭ ھۆسىن تۈزىگەنلىكى ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەر ئۆزلىكىدىن بىتچىت بولدى.




ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号