قېيىنئانىڭىز بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىشنى بىلىۋىلىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8755:ئادەم ئۆگەندى

    بىز ئادەتتە قىيىنئانىنىڭ ئۆز ئانىمىز ئەمەسلىگىنى ھەم مەڭگۈ ئۇنداق بولمايدىغىنىنى چۈشىنىپ يەتكەن ۋاقتىمىزدا، قېينئانىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئاسانغا توختايدۇ. مەن قېيىنئانامنىڭ داۋاملىق ئوغلۇم ياخشى دىيىشىنى توغرا چۈشىنىمەن، قىينئانامنىڭ مىنى سىرتنىڭ ئادىمى دەپ قارىشىنىمۇ چۈشىنىمەن؛ بىز ئۆزىمىز ئىشلەپ ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋالىمىز، بالىمىزنى باقىمىز. ھەر ھالدا قېينئانا- كىلىن بولۇپ ئۆتۈپتۇق، ئەگەر ماڭا ھەقىقى ياخشى مۇئامىلە قىلسا، ياشىنىپ قالغىنىدا ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، ئەگەر ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، ياشىنىپ قالغىنىدا ئوغلىنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى توسىمايمەن، ناھايىتى مۇشۇنچىلىكلا ئىش خالاس.

    1. رەسمى توي قىلىشنى پۈتۈشۈپ بولغۇچە، قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكىلى بارماڭ؛ ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىگە مۇدەتتىن بۇرۇن ئارلىشىپ كىرىش، ھازىرقى مۇھەببەتلەشكىنىڭىز ۋە كەلگۈسىدىكى تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق ۋە تەشۋىش ئېلىپ كىلىدۇ.

   2. توي قىلىشتىن بۇرۇن، ئىرىڭىزنى ئۆيىدە قونۇپ قالماڭ، بىر قېتممۇ بولمايدۇ؛ بۇنىڭ سەۋبىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش كەتمەيدۇ، سىزنىڭ بۇ خىل قىلمىشىڭىز بولغۇسى ئىرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ سىزنى ياراتماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەدىرىنى قىلمىسڭىز، ئۇلار سىزنى ياراتمىسا باشقا مەسىلىغۇ يوق، شۇ ئۆزىڭىزگە" خوپ " بولىدۇ.

   3. سىزنىڭ ئائىلىڭىز قانداق بولۇپ كىتىشىدىن قەتئىنەزەر، ئىرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئالدىدا، ئۆز ئۆيىڭىدىكىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى تىلغا ئالماڭ؛ بۇ خۇددى ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئىلگىركى ئوغۇل دوستىڭىزنى تىلغا ئالماسلىققا ئوخشاش ئىش.

   4.توي قىلىشتىن ئىلگىرى، ھەرگىز بولغۇسى ئىرىڭىزنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئىشچانلىقىمنى كۆرسىتىمەن دىمەڭ؛ سىز ھېچنىمە قىلماي ئولتۇرسىڭىزمۇ، ئىشنى جايىدا قىلالماي ئۆزىڭىزنى ئاشكارىلاپ ئولتۇرغاندىن ئەۋزەل؛ ئۇنداق ۋاقتىڭىز بولسا يەنىلا بولغۇسى ئىرىڭىز ئىككىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا سەرپ قىلغىنىڭىز ياخشى، چۈنكى ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببەت ئاساسىڭلارنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى، بارلىق سىرتقى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال.

   5.تويدىن بۇرۇن مەجبۇرلىغان ئاساستا قىز مېلى تەلەپ قىلىش، سوممىسى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، تويدىن كىيىنكى قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرسى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرەپكە دىققەت قىلىش كىرەك. سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز قىزىنى ساتماقچى بولسا، ئۇنداقتا ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز سېتىۋىلىشى ۋە ئۇنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەسلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمايدۇ.

   6. توي قىلغان ئەر-ئايالنىڭ چوقۇم مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولۇشى كىرەك؛ ئۆي سېتىۋىلىشقا ۋاقتىنچە پۇل بولمىسا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ قېيىنئانا-قېيىنئاتىڭىز بىلەن بىرگە تۇرۇش، ئۆزىنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىك بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۆچ-ئاداۋەت پەيدا قىلىدۇ.

   7. ئەگەر قېيىنئانا-قېينئاتىڭىز پۇل چىقىرىپ سىلەرگە تويلۇق ئۆي ئېلىپ بەرسە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مىننەتدار بولۇپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭىز كىرەك؛ ئەگەر كىلىننىڭ ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە ئۇلار يا پۇل چىقارمىسا، يا كۈچ چىقارمىسا، بۇندىن باشلاپ سىلەر ئەڭ يېقىن ناتۇنۇش كىشىلەر ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆز-ئارا دەخلى قىلماي ئۆتسەڭلار بولىدۇ.

   8. بالىلىق بولغىنىڭىزدا، پىرىنسىپ جەھەتتە ئىمكان بار بالىڭىزنى ئۆزۈڭلار باققىنىڭلار ياخشى؛ ئەگەر قېينئانىڭىزغا باقتۇرسىڭىز، سىز ئېغىزىڭىزنى يۇمۇپ، قۇسۇر تاپىدىغاننىڭ ئىشىنى ئاز قىلىڭ. قېيىنئانىڭىز بالىنى بېقىشىپ بىرەلمىسىمۇ ئەمما بالىنى بېقىشقا پۇل چىقىرىشىپ بەرسە بالىنى بېقىشىپ بەرگەنگە ئوخشاش؛ سىز مىننەتدار بولۇپ، ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىشىڭىز كىرەك.

    9. قېيىنئانا مەڭگۈ قېيىنئانا، ئۆز ئانىڭىز ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا  ھۆرمەت قىلىپ ئارلىق ساقلاپ ئۆتكەن ياخشى؛ ئانىڭىزغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلەشتىن تېخىمۇ ساقلانماسلىقىڭىز لازىم، چۈنكى قېينئانىڭىز ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىدىكى تاماقنى يەيدۇ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا تەنبىھ بىرىدىغان سالاھىتىڭىز يوق.

    10. تىگى تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېيتقاندا، ئىرىڭىز يوۋاش بولغانلىقتىن، داۋلى چۈشەنمەيدىغان قېينئانا بولىدۇ؛ سىزنىڭ ئىرىڭىزنى ئەدەبلەپ ئوڭشاشقا قۇربىڭىز يەتمىگەندىكىن، قىيىنئانىڭىزنىڭ ئۆيىدە بىرەر پايدىغا ئىرىشىمەن دەپ ئويلىماڭ. ئاجراشمىسىڭىز سىزمۇ يۇۋاشراق بۇلۇشنى ئۆگىنىڭ؛ چۈنكى ناچار ئائىلە مۇناسىۋىتى سىزنىڭ تېخىمۇ كونتىروللىقىڭىزنى يوقىتىشڭىزنى ۋە بالىنىڭ پىسخىك بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى، ناتۇنۇش كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز، قېيىنئانىڭىزغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ.

    11. سىز ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن بولىشىڭىز كىرەك، بۇنىڭدا سىزنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ، ئۆز تۇرۇمۇشىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ دىگىنى ھىساپ بولىدۇ، بالىڭىزنى ئۆزىڭىز باقسىڭىز بولىدۇ، ئاپىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان ئەرنىمۇ ھەر ۋاقىت تاشلىۋەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ. قىسقىسچە ئېيتقاندا، ھازىرقى زامان كىلىنلىرىدە، قېينئانا-قېينئاتىسى تەرپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ۋە دۈشكەللىنىدىغان ئىشلار كۆرۈلمەسلىكى كىرەك.

     12. ئوغلىنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا چىدىمايدىغان قېيىنئانا، كىلىنى بىلەن گەپ تالىشىپ ئادەم تىللايدىغان قېيىنئاتىلارغا قارىتا، پىكىرلىشىمەن، ۋاپا كۆرسىتىمەن،مىننەتدار بولىمەن دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئار-نۇمۇسنى بىلمەيدىغان، قائىدە-يۇسۇنغا مۇخالىپ كىلىدىغان  ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلەرنى قىلىپ، يەنە تېخى بۇرمىلانغان ۋاپادارلىق بىلەن كىلىننى تۇتقۇن قىلىمەن دىسە، دەرھال رەت قىلىشىڭىز ۋە قايتۇرما زەربە بىرىشىڭىز كىرەك.

    13. تۇغۇتىڭىزدا سىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي، بالىنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىغان ھەم دۇختۇر ھەققىنى تىجەشنى ئويلايدىغان، قىز تۇغسىڭىز تۇغۇت ئۆيىدىن چىقىپلا يۈز ئۆرۈيدىغان بۇ خىلدىكى قېيىنئانا-قېيىنئاتىلار، سىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ كۆزىڭىز كور بۇلۇپ قالغانلىقنىڭ نەتىجىسى؛ بۇ ئەھۋالدا يا ئۇلارنى كۆزدىن يوقىلىشقا بۇيرىشىڭىز، ياكى ئۆزىڭىز بالىڭىزنى ئېلىپ يوقىلىشىڭىز كىرەك؛ بويتاق ئانا بولماق بەلكىم جاپالىقتۇر، ئەمما بۇنداق ئائىلە ئادەم يۇتىدىغان چوڭقۇر ھاڭغا ئوخشايدۇ.

   14. گەپ چۈشەنمەيدىغان ياكى مۇرەسسە قىلىشنى خالىمايدىغان قېينئانا- كىلىنلار ئەڭ ياخشىسى باردى-كەلدى قىلمىغىنى ياخشى؛ ئەمما سىزمۇ ئىرىڭىزنىڭ بالىنى ئېلىپ قەرەللىك قېينئانا-قېيىنئاتىڭىزنى يوقلىشىنى توسماسلىقىڭىز، ئارتۇق گەپ سوراپ ياكى گەپ يەتكۈزۈپ يۈرمەسلىكىڭىز لازىم، بالىنى چوڭلارنى ھۆرمەت قىلماسلىققا قۇترىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号