رىئال تۇرمۇشىمىزدا ھەر خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان مۇھەببەت كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بىز ئادەتتە سىناقلاردىن ئۆتەلمەيدىغان دوستلۇقنى پىلاستىر دوستلۇق دەپ ئاتايمىز، ئۇنداقتا مىنىڭچە ساختا مۇھەببەتنىمۇ پىلاستىر مۇھەببەت دەپ ئاتىساق بۇلىدۇ. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى مۇھەببىتىڭىزنىڭ پىلاستىر مۇھەببەت ياكى ئەمەسلىكىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ تىزدىن سىناپ كۆرۈپ بېقىڭ!

سۇئال: سىزگە نىسبەتەن تۆۋەندىكى ئىشلاردىن قايسىسى، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا بىتەرەپ قىلىش تەسكە توختايدىغان مەسىلە ھىسابلىنىدۇ؟
ئا. ئۇچرىشىش كەيپىياتىنى قوغداش
ب. پۇل سەرپىياتى
س. قارشى تەرەپ بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كىلىش
د. ئىككەيلەننىڭ ئارلىشىش ئۇسۇلى
سىناق نەتىجىسى
ئا جاۋاب: پىلاستىرلىق دەرىجىسى %90
ناھايىتى ئەپسۇس! سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك پىلاستىر ئىكەن، سىلەر پەقەت بىر ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان، ئېغىر كۈنلەردە ئۆز يولۇڭلارغا راۋان بولىدىغان قۇشلارغىلا ئوخشايسىلەر خالاس. ئەتراپىڭىزدىكىلەر بەلكىم سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا ھەۋەس قىلىشى، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنى ئىنتايىن گۈزەل دەپ قارىشى مۇمكىن؛ لىكىن، ئەمىلىيەتتە سىلەرنىڭ بۇ بىر بۆلەك مۇھەببىتىڭلار كىچىككىنە سىناقلارغىمۇ بەرداشلىق بىرەلىشى ناتايىن؛ ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزمۇ ئۇنچە چوڭقۇر ئەمەس بولۇپ، سىز ناھايىتى ئاجىز كىلىسىز، مۇھەببەت ئالتۇندىن قىممەت دىگەن بۇ بىر جۈملە سۆزگە بەك ئىشىنىپ كەتمەيسىز.

ب جاۋاب: پىلاستىرلىق دەرىجىسى%60
سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار پۈتۈنلەي پىلاستىر مۇھەببەت ئەمەس، ئەمما پىلاستىرلىق نىسبىتى سەل يۇقىرى؛ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار قارىماققا ناھايىتى گۈزەل كۆرىنىدۇ، بىراق ئەمىلىيەتتە بولسا يۇشۇرۇن خەۋپلەرگە تولغان؛ سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا ھەرخىل مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئەگەر ياخشى پىكىرلىشىپ ئوتتۇراڭلاردىكى مەسىلىنى ھەل قىلمىساڭلار، ئۆمۈرلۈك بىرگە بولالىشىڭلارنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. سىزگە بەلكىم ئىنىق بولۇشى مۇمكىن، قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇ ھەتتا قىزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان تىپتىن ئەمەس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمەن دىسىڭىز، ئاز-تولا كاللا قاتۇرۇپ كۈچ سەرپ قىلىشىڭىز كىرەك بولىدۇ.
س جاۋاب: پىلاستىرلىق دەرىجىسى%40
سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنى پىلاستىر مۇھەببەت دەپ كىتىشكە بولمايدۇ، ئەمما سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەقىقى قىياپىتى، سىلەر سىرتقا ئىپادىلەپ چىقارغاندەك ئۇنداق گۈزەل ئەمەس. ئەمىلىيەتتە ۋاقىتنىڭ مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرىدىغىنى سىزگە بەش قولدەك ئايان، سىز پەقەت بۇنى ئىتراپ قىلىشنى خالىمايسىز خالاس. سىز بۇ مۇھەببىتىڭلارنى ئۇزۇنراق داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىسىز، ھەم بۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ناھايىتى تىرىشچانلىق كۆرسىتىسىز؛ بىراق سىز ئۆزىڭىز يالغۇز تىرىشقان بىلەن بولمايدۇ، قارشى تەرەپ سىزگە ماسلىشىشنى خالىمايدىغاندەك قىلىدۇ؛ ئۇ گەرچە سىزنى يىتەرلىك ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما سىزنى ياخشى كۆرىشىنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

د جاۋاب: پىلاستىرلىق دەرىجىسى%10
سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار ھەقىقى ساپ مۇھەببەت، ھەرگىز پىلاستىر مۇھەببەت ئەمەس؛ ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار بۇزۇلماس مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. گەرچە سىز بەزىدە ناھايىت ھارغىنلىق ھىس قىلىپ، ئىككىڭلارنىڭ كەلگۈسىدىن گۇمانلانسىڭىزمۇ، ئەمما سىز قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقى ساپ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان ھىس قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ساپ ھەقىقى ئىكەنلىگىدىن گۇمانلانمايسىز؛ سىز ناۋادا مۇھەببىتىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى تەرەپكە تەرەققى قىلدۇراي دىسىڭىز، بەزى بىر ئىنچىكە ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئوڭشاشقا كۆڭۈل بۆلىشىڭىز كىرەك، شۇنداق بولغاندا مۇكەممەل مۇھەببەتكە ئىرىشەلەيسىز.

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号