يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە، يوپكا بىلەن ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيسىڭىز، ناھايىتى قاملاشقان ماسلاشتۇرۇش بولىدۇ؛ ئەمما ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيسىڭىز ماسلاشقىنى بىلەن، سىزنى بەك چارچىتىۋىتىدۇ؛ ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟
ئەمىلىيەتتە سىز نورمال ئادەتنى بۇزۇپ، يىڭىلىققا ئەگىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ؛ چۈنكى بۇيىل يازدا يوپكا بىلەن تەنھەركەت ئايىغىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىش مودا بولدى! بۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىز راھەتلىنىپلا قالماي، يەنە ناھايىتى مودا كۆرىنىسىز! قانداق ماسلاشتۇرۇشنى بىلمەمسىز؟ ئۇنداقتا داۋاملىق تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ.

تەنھەركەت ئايىغى بىلەن قىسقا يوپكىنى ماسلاشتۇرۇش
تەنھەركەت ئايىغى ئادەمگە ياشلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ، ئەگەر ئوخشاشلا سىزنى كىچىك قىزلاردەك كۆرسىتىدىغان قىسقا يوپكا ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز، سىزنى بۇ ياز كۈنلىرىدە ھاياتى كۈچكە تولغان قىلىدۇ.
يوپكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تىزىڭىزدىن 10سانتىمىتىر ئۈستۈن كەلگەن ئورۇندا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؛ ئەگەر بەل قىسمى ئىگىزرەك كەلگەن پاسۇننى تاللىسىڭىز، پۇتلىرىڭىزنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن كۆرسىتىدۇ!

ئەگەر سىزنىڭ پۇتلىرىڭىز ئەسلىدىنلا ئىنچىكە كەلگەن بولسا، يوپكىنىڭ يەنىمۇ قىسقىراق پاسوندىكىنى ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز بولىدۇ.

تەنھەركەت ئايىغى بىلەن تىزدىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا ھال ئۇزۇن يوپكا ماسلاشتۇرۇش
ئەگەر قىسقا يوپكىنى ئۆزىڭىزگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا تىزدىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا ھال ئۇزۇن يوپكا ماسلاشتۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ؛ بۇ خىل پاسۇندىكى يوپكا يوتىسى سەل تومراق، پاچىقى ئىنچىكە كەلگەن سىڭىلچاقلارغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.

لاتاپەتلىك ۋە بىلىملىك كۆرسىتىدىغان قاتلىما يوپكا ۋە ئىلاستىكىلىققا ئىگە چىڭ كىلىدىغان"قەلەم"يوپكا پەقەت خىزمەتكە بارغاندا ياكى ئۇچرىشىشتىلا كىيىشكە ماس كىلىدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ ئەمىلىيەتتە سىز ئىگىز پاشنىلىق ئاياغنى سېلىۋىتىپ، تېخىمۇ راھەت بولغان تەنھەركەت ئايىغىغا ئالماشتۇرۋالسىڭىز، سىزنىڭ سىھرى كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇپ، نەپىسلىك ئىچىدە سىزنىڭ خاس ئالاھىدىلىگىڭىزنى نامايان قىلىدۇ.

تەنھەركەت ئايىغى بىلەن ئۇزۇن يوپكا ماسلاشتۇرۇش
ئاياللىق نازاكەتنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۇزۇن يوپكا نۇرغۇن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭى قەلبىدىكى ئەڭ ياخشىسى؛ ئەمما ئەگەر تەنھەركەت ئايىغى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كىيىۋالسىڭىز، سىزنىڭ بىر گەۋدە ياسىلىش شەكلىڭىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر نايناقلىق قوشىدۇ، كۈندىلىك سىرتقى پائالىيەتلىرىڭىزدە مۇشۇنداق ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالسىڭىز ناھايىتى مودا كۆرىنىدۇ ھەم دىققەت تارتىدۇ.

تەنھەركەت ئايىغى بىلەن كۆينەك ماسلاشتۇرۇش
ھەممىدىن بەك ئەمىلىيلىككە ئىگە ماسلاشتۇرۇش يەنىلا تەنھەركەت ئايىغى بىلەن كۆينەكنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشتۇر. تۇنجى قىتىم ئارىلاش ئۇسلۇبتا كىيىپ سىناپ باققان ۋاقتىڭىزدا، ئەسلىدىنلا ئەركىن-ئازادە كەلگەن كۆينەك پاسۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

بەل قىسمى ئىگىزرەك پاسۇندىكى كۆينەكلەر كۆپ قىسىم خانىم-قىزلارغا ماس كىلىدۇ

ئاق رەڭدىكى تەنھەركەت ئايىغىلا ئەمەس، قېنىق رەڭدىكى تەنھەركەت ئايىغىنىمۇ ئوخشاشلا كۆينەك بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ؛ سىز ھەر خىل ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولىشىڭىز كىرەك.

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号