ياز پەسلى باشقا پەسىللەرگە ئوخشىمايدۇ؛ ھەرخىل پاسوندىكى، ھەرخىل شەكىلدىكى كىيملەرنى، ھەر كۈنى ئوخشىمىغان ھالدا ماسلاشتۇرۇپ كىيەلەيمىز. ھەتتا ئىچ كىيىم كىيىشنىمۇ خالىمايدىغان بۇنداق پەسىلدە، مايكا كۆينەك-- كىيىۋالساقلا ئىشىكتىن چىققىلى بۇلىدىغان كىيىم پاسۇنى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، بىزنىڭ ماسلاشتۇرۇپ كىيىشىنى بىلىۋىلىشىمىز چوقۇم كىرەك بۇلىدۇ.
ئازادە ،قىسقا كەلگەن مايكا كۆينەك
قىسقا پاسوندىكى ئازادە كىلىدىغان مايكا كۆينەك، ئەركىن-ئازادە خارەكتىردىكى قىزلارغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.



ئەگەر بىللاغا ئوخشاش قارا رەڭلىك خروم ئۆتۈك بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كەيسڭىز،ناھايىتى مودا كۈرۈنىسىز.

سىڭىلچاق كېم قىسقا قونجۇلۇق ئۆتۈك بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىۋالغان بۇلۇپ، يازدا ئەمىلىيەتچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلىدۇ.

ۋاڭ زىۋېن قارا رەڭلىك مايكا كۆينەك بىلەن كالتا ئىشتان ماسلاشتۇرۇپ كەيگەن بۇلۇپ، كالتا ئىشتاننىڭ ئايىغىنى مايكىنىڭ سىرتىغا ئازراق چىقىرىپ قويغان؛ بويى گەرچە پاكار بولسىمۇ، ئەمما تۈز تاپانلىق ئايىغى ئۇنىڭغا ھېچقانداق ناچار تەسىر ئېلىپ كەلمىگەن.

قارا رەڭلىك مايكا كۆينەكنىڭ كىشىگە بەرگەن مودا تۇيغۇسىغا قارىغاندا، ئاق رەڭدىكى مايكا كۆينەك كىشىنى يەڭگىل ھىس قىلدۇرىدۇ.



مايكا كۆينەككە ئىگىز پاشنىلىق ئاياغنى ماسلاشتۇرۇپ كەيسىڭىز، ئەركىن-ئازادە خارەكتىرىڭىزنى مەلۇم دەرىجىدە نىتراللاشتۇرۇپ، كىشىگە بىرخىل مودا ئېقىمىغا ماسلاشقان تۇيغۇ بىرىسىز.


يوللۇق مايكا كۆينەك
چىڭ كىلىدىغان يوللۇق مايكا كۆينەك تاللاپ كەيسىڭىز، ئاياللىق نازاكىتىڭىزنى تۇلۇپ گەۋدىلەندۈرۈسىز.

ئازادە كەلگەن يوللۇق مايكا كۆينەك كىيىۋالسىڭىز ناھايىتى ئەركىن كۈرنىسىز؛ خالىغانچە شىلەپىدىن بىرنى كاللىڭىزغا ئارتىۋالسىڭىزلا يولغا چىقالايسىز.

ئۇزۇن پاسوندىكى مايكا كۆينەك
بۇ پاسوندىكى مايكا كۆينەكنىڭ بوي ئىگىزلىگىگە تەلەپ سەل يۇقىرى،ئەگەر بويى ئىگىز كەلگەن قىزلار بۇ خىلدىكى مايكا كۆينەك كىيىۋالسا، ئۆزىنىڭ سۆلىتىنى تېخىمۇ نامايەن قىلالايدۇ.


بىلىگىزگە بەلباغ تاقىۋالسىڭىز، بىلىڭىزنىڭ شەكلىنى نامايەن قىلىپ،تېخىمۇ گۈزەل كۈرۈنىسىز.

ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى
ئاددى ئەمما مودا بولغان مايكا كۆينەك، كەيسىڭىز چىرايلىق كۈرۈنۈپلا قالماي، باشقا كىيىملەر بىلەن ماسلاشتۇرۇشمۇ ناھايىتى ئوڭاي؛ پادىچىلار كىيىمى مايكا كۆينەكنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھى ھىسابلىنىدۇ!



ئۇزۇن تور پايپاق، مايكا كۆينەك بىلەن ماسلاشتۇرۇشتىكى يامان ئەمەس تاللىشىڭىزدۇر.


ئەگەر تېخىمۇ ئالاھىدىرەك كەلگەنلىرىنى كىيىشىنى ئويلىسىڭىز، لاھىيىلەش تۇيغۇسىغا ئىگە مايكا كۆينەكلەرنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ؛ ئازراق كۆڭۈل قويسىڭىزلا ناھايىتى ئالاھىدە كۈرنىسىز.




ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号