مۇھەببەتنى سىنايدىغان پەيتلەر!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8678:ئادەم ئۆگەندى

     جاڭ ئەيلىڭ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن : بەلكىم مۇھەببەت قىزغىنلىق ۋە ئەسلەش بولماستىن ، يىللار بۇلۇشى ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۇرۇمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن . مۇھەببەت مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتكەندە بىربىرىنىڭ ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئادىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ، ۋاز كىچەلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇيالمايدۇ . شۇڭلاشقا ، مۇھەببەت كىشىگە ئىلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ناھايىتى كۈرنەرلىكتۇر . ئىككى ئادەم بىرگە بولغاندا ئەر كىشى سىزنى ياخشى كۆرگەنسىرى ، تۆۋەندىكى ئۈچ ۋاقىتتا سىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ !

1.    سىلەر ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا

     نۇرغۇن كىشىلەر ئىككى جايدا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىش ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ئۆتمىكى ئەڭ قىيىن بولغان ئۆتكىلى دىيىشىدۇ ؛ ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرۇپ ۋاقتى ۋاقتىدا يۈز كۈرۈشەلمەسلىك ، بۇ مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ناھايىتى زور بىر سىناق . ئەمما سىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرىدىغان بىر ئەر كىشى ، سىلەر ئايرىلىپ تۇرۋاتقان ۋاقتىڭلاردا سىزنى تېخىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ .

      سىلەر بىرگە ئەمەس ۋاقتىڭلاردا ئۇ ھەرۋاقىت سىزگە ئۇچۇر قىلىپ ،نىمە قىلىۋاتقىنىڭىزنى سورايدۇ ؛ ئۆزىڭىز يالغۇز بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى توختىماي جىكىلەيدۇ ؛ سىزنىڭ يەنە ۋاقتىدا تاماق يىيىشىڭىزنى ، بالدۇر ئارام ئېلىشىڭىزنى تاپىلايدۇ .... چۈنكى ھەر ۋاقىت سىزنى كۆڭلىدە ساقلىغانلىقى ۋە ئەزەلدىن ئەستىن چىقىرۋەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن ، سىلەر ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا ئۇ سىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىڭىزنى تېخىمۇ بەك چۈشىنىپ يىتىپ ، سىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ ۋە سېغىنىدۇ .

2.    سىز ئازاپلانغان ، ياردەمسىز قالغان ۋاقىتتا

      دوست ئېغىر كۈنلەردە سىنىلىدۇ . بۇ بىر جۈملە سۆزنى ھەرقانداق ۋاقتىتا نەقىل كەلتۈرۈشكە بۇلىدۇ ؛بۇلۇپمۇ مۇھەببەتتە بىر ئادەمنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى بىلگىلى بۇلىدۇ . شۇنداق ، تۇرمۇش ھەمىشە ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋەرمەيدۇ ، سىز ئەتىنىڭ ياكى تاسادىبىلىقنىڭ قايسىسىنىڭ ئاۋال يىتىپ كىلىدىغىنىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز . بىر ئەر كىشى ئەگەر سىزنى ياخشى كۆرسە ،سىز كۆڭلىڭىز ئازار يەپ ياردەمسىز قالغان ۋاقتىڭىزدا سىزگە ھەمراھ بۇلىدۇ .

      ئەگەر سىز خىزمەت جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ، ئۇ سىزگە " ھېچقىسى يوق ، سىزنى ئۆزۈم باقىمەن " دەيدۇ ياكى سىزگە ھەل قىلغۇچ تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىدۇ ؛ ئەگەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا بىرەر تاسادىبىلىك كۈرۈلسە ، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا سىزنىڭ قېشىڭىزغا يۈگرەيدۇ ، ۋە سىزگە " قورقماڭ ، ھەر نىمە بولسا مانا مەن بار " دەيدۇ . ئۇ سىزگە ئىتىبار بەرگەنلىك سەۋەبىدىن ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەر بىر ئىش ۋە نەرسىگە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ ؛ سىزنى بىر ياندا تاشلاپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ ھەم خالىمايدۇ ، پەقەت مەڭگۈ سىز بىلەن بىرگە بۇلۇشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاشۇ سىزگە يۈلەنچۈك بولالايدىغان ئەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىلا ئويلايدۇ .

3.    تۇرمۇشۇڭلار بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كىتىپ بارغان ۋاقىتتا

     نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئەر كىشىنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۈرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىغىغا ھۆكۈم قىلىشتا ، ئۇ ئەركىشىنىڭ تەرەققى تاپقان ۋاقتىدا سىزگە بولغان مۇئامىلىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكىگە قارىساق بىلگىلى بۇلىدۇ دىيىشىدۇ . ئەمىلىيەتتە مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىشىنى ، ئۆزىنىڭ بىرە ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .

    ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز ياخشى كۆرگەن ئۇ ئەر ئىلگىرىكى ھېچنىمىنى بىلمەي يۈرىدىغان يىگىتتىن ھازىرقى پىشىپ يىتىلگەن ، بايلىقى كۆپىيىپ قالغان ، ئالدىراش ھەم تېخىمۇ جەلىپكارلىققا ئىگە بولغان ھالەتكە ئۆزگەرگەن ۋاقتىدا ، ئۇ مەيلى قانچىلىك قىممەت كىيىملەرنى كىيىپ ئىسىل نازى نىمەتلەرنى يىيىشى ، قانچىلىك كۆپ زاكاسلارنى قۇبۇل قىلىش ، قانچىلىك مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى تۇنۇپ كىتىشى ......دىن قەتئىنەزەر ، ئۇ سىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، ھەم جۈرئەتمۇ قىلالمايدۇ ، چۈنكى مەيلى ئۇ نەلەرگە بارمىسۇن ، نىمىلەرنى قىلمىسۇن ،سىزنىڭ قوينىڭىز ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەڭگۈ تىگىشكىلى بولمايدىغان ئۇۋا ، سىز ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەڭگۈ سۈيىدىغان مەشۇقى .

     ھەر ۋاقىت سىزنى كۆڭلىدە ئويلاپ يۈرگەنلىكتىن ، ئۇ سىزنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، مانا بۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان  كۆڭلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ، سەمىمى مۇھەببىتىدۇر .

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

 

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号