ئاياللارغا نىسبەتەن ئەرلەر ھەممىسى ئاددىراق كىلىدۇ ؛ ھەممەيلەن ئاياللار ئىنچىكە ،ئەرلەر قوپال كىلىدۇ ، ئەرلەرنى ئىنچىكە ھالقىلارغا ئىتىبار بەرمەيدۇ دىيىشىدۇ ؛ شۇڭلاشقا بىر ئەر كىشى ئەگەر بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۈرۈپ قالسا ، ئۇلار سىرتقا ئىپادىلەپ سالىدۇ ، ئاياللارغا ئوخشاش كۆڭلىدە يۇشۇرۇپ يۈرەلمەيدۇ . گەرچە ئەرلەرنى بىر ئايالنى ياخشى كۈرۈشىنى ئۇنچە بەك يۇشۇرۇپ كەتمەيدۇ دىسەكمۇ ، ئەمما يەنىلا ئاياللارنىڭ كۆپرەك كۆزىتىشىگە توغرا كىلىدۇ ؛ چۈنكى ئەرلەر مۇھەببىتىنى ئادەتتە كىچىك ھەرىكەت قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ ، بۇلۇپمۇ تۆۋەندىكى بەش خىل قىلمىشنىڭ ھەممىسى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا مۇھەببەت باغلىشىدىكى سىگنال بۇلۇپ ، ئەگەر ئاياللار بۇنى بىلەلمەي قالسا ، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەرلەر بىلەن ئۆتۈشۈپ كىتىدۇ ، بۇنچىلىك ئۇزۇن بويتاق يۈرىشىڭىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس بۇلۇپ قالىدۇ !
1. ھەمىشە ئىختىيارسىز ھالدا سىزگە قارايدىغان ئەرلەر .
ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارغا قارىتا ، ئەرلەر ھەمىشە كۆڭلىدە ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغاندەك ھىس قىلىدۇ ؛ سىزنى ھەر بىر كۆرگىنىدە ، سىلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىرگە بولغان كۈنلىرىڭلارنى كاللىسىدىن بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ بۇلىدۇ . شۇڭلاشقا ئەرلەر ئىختىيارسىز ھالدا سىز گە قارىسا ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ نەزىرىڭىز ئۇنىڭدا بولماي باشقا جايدا بولسا ، ئۇ سىزگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرىدۇ ؛ سىزنىڭ ھەربىر ئىش ھەرىكىتىڭىزنى مىڭىسىگە قاچىلايدۇ . ئەمما سىز بۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئۇ تەرەپكە قارىسىڭىز ، ئۇ خۇددى ئۇغرىلىق قىلىۋىتىپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالىدۇ ، يەنە كىچىك قىزلاردەك يۈزى قىزارغان خىجالەتچىلىك پەيدا بۇلىدۇ .

2. سىز بىلەن پاراڭلىشىپ ھەر قانچە كەچ قالسىمۇ ، يەنىلا سىزنىڭ ئاۋال ئۇخلىشىڭىزنى ساقلايدۇ .
سىزنى ياخشى كۆرگەنىكەن ، تەبىئىلا سىز بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىدۇ ؛ چوڭ بىر ئىشلار بولمىسىمۇ ، ھەركۈنى دىگۈدەك سىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ؛ بەزىدە سىلەر بەلكىم ناھايىتى كەچ بۇلۇپ كەتكىچە پاراڭلىشىشىڭلار مۇمكىن ، ئەمما ئۇ ھىرىپ قېلىشى ياكى ئۇيقۇسى كىلىپ قېلىشىدىن قەتئى نەزەر ئاخىرغىچە سىزگە ھەمراھ بۇلىدۇ ؛ سىز ئۇيقۇڭىز كەلگەنلىگىنى ئېيتقان ۋاقتىڭىزدا ، ئۇ ئاندىن ئارام ئالىدۇ ، سىزنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ .
3. سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى يات جىنىسلىقلار ئۇنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ .
ئەگەر سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا باشقا يات جىنىسلىقلار سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلسا ، ئۇ ئەلۋەتتە نارازى بۇلىدۇ ، بۇ كۈنلىگەنلىكنىڭ ئالامىتى . گەرچە ئۇنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كىلىپ بىر نەرسە دەيدىغان سالاھىيىتى بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۆزى ئاچچىق يۇتۇۋىلىپ ، ھەممىگە يۇقىرى ئاۋازدا ئىنكاس قايتۇرىدۇ ؛ بۇنداق قىلىشى، بىرسى سىلەرنىڭ دىققىتىڭلارنى ئۆزىگە تارتىش ، يەنە بىر سەۋەبى كۆڭلىدىكى كونتىرول قىلالمىغان كۈنچىلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈندۇر .

4. پۇرسەت تېپىپ سىزگە يېقىنلىشىدۇ .
ئۇ سىزگە نىسبەتەن بەلكىم ھېچقانداق ئالاقىڭىز يوق بىر ئادەم بۇلۇشى مۇمكىن ، ئەمما ئۇ ھېچ سەۋەپسىز سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەيدا بۇلۇپ قالسا ، سىلەرنىڭ كۆپىنچە بىللە تۇرۇپ قالىدىغان ۋاقتىڭلار ، ئۇ قەستەن پەيدا قىلغان بۇلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇ بەزى قىزىقارلىق تېمىلارنى تېپىپ سىز بىلەن پاراڭلىشىدۇ ؛ بەزىدە ئۇ جىددىلىشىپ ياكى خىجىل بۇلۇپ قالغانلىقتىن سىزگە بىر خىل ئەخمەقلەردەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ ، ئەمما سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن مۇشۇنداق بۇلىدۇ .
5. سىزگە ئىتىبار بەرمەيدىغاندەك ھالەتنى دورىۋالىدۇ .
نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئاياللارغا يۈزلەنگەندە ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى قەستەن يۇشۇرۋالىدۇ ؛ ئاياللارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇلارغا ئىتىبار بەرمەيدىغاندەك ھالەتنى دورىۋالىدۇ ، سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىز ۋە سۆزلىگەنلىرىڭىز ئۇنىڭغا قارىتا بەرىبىردەك بولىۋالىدۇ ؛ ئەمىلىيەتتە ئۇ ھەمىشە ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ، سىزگە ئالاقىدار ھەرقانداق ئۇچۇرلارنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ ، ئازراقمۇ چالا قويمايدۇ .
يۇقارقىلار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ھىسياتىنى ئىپادىلىشىدىكى " ئەخمىقانە " ئىپادىلىرى بۇلۇپ ھەر بىر تۈر سىزگە ئاستىرتىن ئەسكەرتىش بىرىدىغان سىگنالدۇر . ئەگەر ئەتراپىڭىزدا بۇنداق ئەرلەر بولسا ، ئۇلارنىڭ يۇقارقىدەك قىلمىش ھالەتلىرى ، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۈرىدىغانلىغىنى چۈشەندۇرىدۇ . شۇڭلاشقا يۇقارقى بەش نوقتىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ ، مۇھەببەتنىڭ قېشىڭىزدىن شىپپىدە ئۆتۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىڭ ، بويتاقلىق ھاياتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالدىراڭ !
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号